كىچىك بالىنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتسا، تاھارەت بۇزۇلامدۇ؟

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى»دىكى 191686 - نومۇرلۇق پەتىۋانىڭ بىر قىسمى. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «زۇھرى ۋە ئەۋزائىي <كىچىك بالىنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتقۇچى قايتىدىن تاھارەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ> دېگەن» [«مۇغنى» (1/118)]

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھتىن «بوۋاق بالىنىڭ ئەۋرىتىنى يۇيغۇچىنىڭ تاھارىتى بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇستاز شۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«ياق، بوۋاقنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتۇش تاھارەتنى بۇزمايدۇ؛ ئەكسىچە، بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتۇشىمۇ، شەھۋەت بولمىغانلا بولسا تاھارەتنى بۇزمايدۇ. بىز بۇ توغرىسىدا تەلق ئىبنى ئەلى بىلەن بۇسرە بىنتى سەفۋاندىن رىۋايەت قىلىنغان ئىككى ھەدىسنى مۇشۇ شەكىلدە ياراشتۇرالايمىز. تەلق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن «نامازدا قولى زەكىرىگە تەگكەن ئادەم تاھارەت قايتا تاھارەت ئېلىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورالغاندا، ئۇ (سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم): «ياق، ئۇ (ئەۋرىتىڭ) پەقەت سېنىڭ بىر پارچەڭدۇر» دېگەن. بۇسرەھ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە بولسا، «كىم زەكىرىنى تۇتسا، تاھارەت ئالسۇن» دېيىلگەن.
فإن حديث طلق بن علي : (أن النبي صلى الله عليه وسلم سئل : عن الرجل يمس ذكره في الصلاة أعليه وضوء ؟ قال : لا ، إنما هو بضعة منك) ، وحديث بسرة : (من مس ذكره فليتوضأ)

بىز دەيمىزكى، ئەگەر تۇتۇش شەھۋەت بىلەن بولسا، ئۇنىڭغا تاھارەت ئېلىش ۋاجىب (پەرز) بولىدۇ، لېكىن شەھۋەتسىز بولسا، تاھارەت ئېلىش كەتمەيدۇ. بۇ نۇقتا پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «ئۇ پەقەت سېنىڭ بىر پارچەڭدۇر» دېگەن سۆزىدىن مەلۇمدۇر. يەنى، كىشىنىڭ ئەۋرىتىنى شەھۋەتسىز تۇتۇشى بەدىنىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى تۇتقانغا ئوخشاش (شۇڭا، بۇنىڭ ئۈچۈن قايتا تاھارەت ئېلىش كېرەك ئەمەس). ھەممىگە مەلۇمكى، ھېچكىم بەدىنىنىڭ (ئەۋرەتتىن) باشقا ئەزالىرىنى شەھۋەت بىلەن تۇتمايدۇ، ئەجەبا ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، ئەگەر سىز ئەۋرىتىڭىزنى بەدىنىڭىزنىڭ باشقا ئەزالىرىنى تۇتقاندەك شەھۋەتسىز ھالەتتە تۇتسىڭىز، قايتا تاھارەت ئېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق؛ لېكىن، ئەگەر ئۇنى شەھۋەت بىلەن تۇتقان بولسىڭىز، تاھارەت ئېلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. چۈنكى (شەھۋەت بىلەن تۇتۇلغان) بۇ خىل ئەھۋالدا، ئۆزىڭىز ھېس قىلمىغان ئەھۋالدا، شەھۋەت تۈپەيلى ئەۋرىتىڭىزدىن بەزى نەرسىلەر چىققان بولۇشى مۇمكىن.
خۇلاسىلىگەندە، چوڭ ياكى كىچىكلەرنىڭ ئەۋرىتىنى تۇتۇش، شەھۋەت بولمىغانلا ئەھۋالدا، تاھارەتنى بۇزمايدۇ» [«لقاء الباب المفتوح »].

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟