ئارىيەت ئالغان كىتابنى ۋاقىتىدا قايتۇرمىسا جەرىمانە ئېلىش توغرىمۇ؟
سوئال: ئارىيەت بېرىلگەن كىتابلارنى بەلگىلەنگەن
ۋاقتتا قايتۇرمىغانلاردىن جەرىمانە ئېلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۇ
توغرىمۇ؟ بۇ ئىش ئۈچۈن ئېلىنغان جەرىمانە جازانىنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟ كىتابخانىغا
تۆلىگەن جەرىمانە توغرىسىدا نېمە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟ ئۆتەلگەن جەرىمانىنىڭ قايسىسى
قەرزگە ئالاقىدار بولىدۇ؟ ئوقۇشنى خالىغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋېلىش قىيىن بولغانلىقى
ئۈچۈن كىتابخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان كارتىنى ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرسا
توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال –جاۋابلىرى تورىدىكى 281829 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ تور بەتنىڭ
ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا
خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ
تائالانىڭ رەھمەت - سالاملىرى بولسۇن.
كىتاب ئارىيەت ئېلىش دۇرۇس. ئەمما، ئارىيەت ئالغان
كىتابنى ئۆز ۋاقىتىدا قايتۇرۇش كېرەك بولىدۇ، كىتابنى ئۆزرىسىز ھالدا ۋاقىتىدا قايتۇرمىسا،
كېچىكتۈرگەنلىكى ئۈچۈن جەرىمانە بېكىتسە توغرا بولىدۇ، بۇ كىتابتىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن
ئارتۇق پايدىلانغانلىقنىڭ ھەققى بولىدۇ.
(كىتابخانا ۋە ئارىيەت ئالغۇچىدىن ئىبارەت
ئىككى تەرەپ) دەسلەپتە بۇ ھەقنى ئېلىشقا بىرلىككە كەلگەن بولسا، يەنى كىتابنى كېچىكتۈرسە
ھەر كۈنگە مەلۇم مىقداردا ھەق تۆلەشنى پۈتۈشكەن بولسا، پۈتۈشكەن ھەقنى بېرىش كېرەك
بولىدۇ. ئەگەر دەسلەپتە تۆلەيدىغان ھەق جەھەتتە بىرلىككە كەلمىگەن بولسا، ھەر كۈنلۈكى
ئۈچۈن باشقىلاردىن ئالىدىغان مىقدارغا ئوخشاش جەرىمانە ئالسا بولىدۇ.
"كەشفۇل قىنا" ناملىق ئەسەر 4-توم
68-بەتتە مۇنداق دېيىلگەن: مەلۇم جايغا مىنىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇلاغنى ئارىيەتكە ئېلىشقا
بولىدۇ، ئەمما بەلگىلەنگەن جايدىن ئۆتۈپ كەتسە ھەددىدىن ئاشقان بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى
ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز بەلگىلەنگەن جايدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ كىشى زىيادە ماڭغان يولغا
ئۇلاغنىڭ ھەققىنى بېرىدۇ".
شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بەزى مەسچىتلەردە
كىتابلارنى ئارىيەت بېرىدۇ، كىتابنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كىچىكتۈرسە ھەر كۈنلۈكى ئۈچۈن
مەلۇم مىقداردا جەرىمانە ئېلىشنى شەرت قىلىدۇ، ئالغان جەرىمانىنى مەسچىتكە ياكى مەسچىت
قۇرۇلۇشىغا سەرپ قىلىدۇ، ھۆرمەتلىك ئۇستاز! بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ دەپ سورالغاندا،
شەيخ جاۋاپ بېرىپ: شۇنداق. بۇ ئىجارىنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ، كېچىكتۈرسە تۆلەيدىغان
ھەق داۋاملىشىدۇ، (ئارىيەت ئالغۇچى) كىتابتىن مەلۇم مۇددەت پايدىلانغانلىقنىڭ بەدىلىگە
ھەق بېرىدۇ. بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى تۇرغۇزۇش، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش، كىتابنىڭ ئارىيەت
ئالغۇچىنىڭ قولىدا قېلىشىغا سەل قارىماسلىق قاتارلىق ئىشلارغا كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش
ئۈچۈن بۇنىڭغا گۇناھ بولىدۇ دەپ قارىمايمەن. ئەگەر كىتابنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن تاشقىرى
بەش كۈن ياكى ئالتە كۈن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇتۇپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ كىتابنى
كىچىكتۈرگەنلىكىگە مەلۇم مىقداردا جەرىمانە تۇرغۇزسا، ئاللاھ خالىسا بۇنىڭدا گۇناھ
بولمايدۇ." ["نۇرۇن ئەلەددەرب پەتىۋالىرى" 11-توم 296-بەت].
يۇقىرىقىلاردىن شۇ مەلۇم بولدىكى، ئارىيەت ئالغان
كىتابنى كېچىكتۈرگەنلىكىگە ئېلىنغان جەرىمانە جازانە شەكىلدىكى جەرىمانە ھېسابلانمايدۇ،
چۈنكى ئۇ قەرزنىڭ بەدىلىگە ئېلىنغان پۇل ئەمەس، بۇ پەقەت ئارىيەت ئالغان كىتابنى مەلۇم
مۇددەت ئىشلەتكەنلىكىگە ئېلىنغان ھەق ھېسابلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.