داستىخانغا كەلتۈرۈلگەن گۆشنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سوراشنىڭ ھۆكمى

سوئال: 
مېھمان ساھىبخاندىن داستىخانغا كەلتۈرگەن يېمەك-ئىچمەكنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىسا توغرا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 21661 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

جاۋاب:
بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

بۇ ھەقتە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەردىن بىرىڭلارنى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى مېھمان قىلسا، داستىخانغا ئەكەلگەن يېمەكتىن يېسۇن، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىمىسۇن، ئۇسسۇزلۇق ئەكەلسە ئىچسۇن، ئۇنىڭ كېلىش مەنبەسىنى سورىمىسۇن» دېگەن [بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد 8933- نومۇرلۇق ھەدىستە بايان قىلغان. ئىمام ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 627- ھەدىستە بايان قىلغان].


شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىقى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىدىغان، تەقۋا مۇسۇلماننىڭ مال-مۈلكى ھالال دەپ قارىلىدۇ. ئەمما كاپىرلار ئارىسىدا ياشايدىغان كىشىلەر ۋە شۇنىڭدەك ھالال ياكى ھارام بىلەن ھېسابلاشمايدىغان شەكلىك كىشىلەر بولۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن گۆشلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە بوغۇزلانغانمۇ ياكى باشقا شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنمۇ بۇنى سوراش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. [سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى627 –ھەدىسنىڭ شەرھى].


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟