نامازدا رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قولنى كۆتۈرۈش (رەفىيەت قىلىش) توغرىسىدا

ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر : "صلوا كما رأيتموني أصلي"، "مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار" دېگەن.

شۇڭا، نامازنى باشتىن ئاخىر سەھىھ ھەدىسلەرگە ئاساسلانغان ھالدا، رەسۇلۇللاھ ئوقۇغاندەك ئوقۇش بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بۇرچىدۇر.

تۆۋەندە، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز نامىزىنى رەسۇلۇللاھ نىڭ نامىزىغا ئوخشىمىغان شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىزچىل تەرك ئېتىۋاتقان بىر نۇقتا، يەنى رۇكۇغا بارغان ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قولنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھەدىس ۋە مەشھۇر سۈننەت پېشۋالىرىنىڭ بىر قىسىم سۆزلىرىنى بايان قىلىمىز.

(1) ئۇقبە رضي الله عنه شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: «بىراۋ نامازدا ئىككى قولىنى ھەرقېتىم كۆتۈرگەندە ئون ساۋاب يېزىلىدۇ. يەنى ھەر بارمىقىغا بىردىن ساۋاب يېزىلىدۇ» ـــ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3286- نومۇرلۇق؛ مەجمەئۇززەۋائىد 2596- نومۇرلۇق سەھىھ ھەدىس.

(2) ئىبنى ئۆمەر رضي الله عنهما رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرمەي ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنى كۆرسە، ئۇنى تاش بىلەن ئۇرۇپ رۇكۇدىن ئاۋۋال ۋە رۇكۇدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرۈشكە بۇيرۇيتتى. ــــ مەسائىلى ئەھمەد 253- نومۇرلۇق؛ بۇخارىي: رەفئۇليەدەيىن 14- نومۇرلۇق؛ ئىستىزكار 4331- نومۇرلۇق ھەدىس.

رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قول كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس يوق!

ئىبنى مەسئۇد رضي الله عنه نامىدىن: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرەيمۇ؟ دەپ بولۇپ، قولىنى بىرلا قېتىم كۆتۈرۈپ قايتا كۆتۈرمىدى، دېيىلگەن [ئەبۇداۋۇد، تىرمىزىي قاتارلىقلار توپلىغان] ھەدىسكە كەلسەك:

بۇ ھەدىس ھەققىدە:

(1) ئىمام بۇخارىي: بۇ ھەدىس راۋىلىرىدىن ئىبنى ئىدرىسنىڭ كىتابىدا «قايتا كۆتۈرمىدى» دېگەن سۆز يوق. شۇڭا، سەھىھ ئەمەس. توغرىسى شۇكى، ئىبنى مەسئۇدمۇ قول كۆتۈرۈپ ناماز ئوقۇغان، دېگەن. [بۇخارىي «رەفئۇل يەدەيىن»].

(2) ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: راۋى ۋەكىئ: «ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى» دېگەن ئىبارىنى ئۆزى قوشۇپ قويغان ـــ ئىمام ئەھمەد «ئەلئىلەل» 910- نومۇر.

(3) ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئىبنى مەسئۇد ئىككى قولىنى قايتا كۆتۈرمىدى» دېگەن ئەسەر ئەڭ زەئىف بولۇپ، راۋىلار ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئۇنىڭ سەھىھلىكىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان بىرمۇنچە ئىللەتلەر بار، دېگەن [«ئەتتەلخىيسۇلھەبىر»].

(4) شەيخ ئەلبانىي: «بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرى ئىشەنچلىك. ئەمما، مۇتەۋاتىر دەرىجىدىكى كۆپلىگەن سەھىھ ھەدىسكە زىت بولغاچقا، ئىناۋەتسىز» دېگەن. ـــ ئەلبانىي: «زەئىف ۋە يالغان ھەدىسلەر» 568 - نومۇرلۇق«.

(5) شەيخ مۇبارەكفۇرىي: «رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قول كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھەدىس مۇتەۋاتىر، بۇ ھەقتە ساھابىلەردىن ئىجمائ بار» دېگەن.

دېمەك، ئەھۋال يۇقىرىقىدەك بولغانىكەن، قېرىنداشلارنىڭ نامىزىنى رەسۇلۇللاھ نىڭ نامىزىغا توغرىلاپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز. 

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟