ئاللاھ تائالاغا ئەڭ سۆيۈملۈك ئەمەللەر قايسىلار؟

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رضي الله عنه  مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر ﷺ دىن «قايسى ئەمەل ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك؟» دەپ سورىغانىدىم، ئۇ: «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» دېدى، مەن «ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ «ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلىش» دېدى، مەن «ئاندىن قايسى؟» دېسەم، ئۇ «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېدى.

سەھىھۇل مۇسلىم 151 - ھەدىس.

ھەدىستىكى «ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز» خۇپتەندىن باشقا تۆت ۋاق نامازنى ۋاقتى كىرگەن ھامان دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇشنى; خۇپتەننى بولسا، جامائەتتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى بولمىسا (يەنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولسا) كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىچە كېچىكتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.



* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟