ھەدىس: ئاللاھ تائالانىڭ زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئەمما ئۇنى جازالىغاندا قاتتىق جازالايدۇ

ئەبۇمۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر «ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىمغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئەگەر ئۇنى جازالىسا ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدۇ» دېدى ۋە ئارقىدىن «رەببىڭ زالىم يۇرتلار (ئاھالىسى)نى ھالاك قىلسا، ئەنە شۇنداق ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن تولىمۇ قاتتىقتۇر» [سۈرە ھۇد 102 - ئايەت] دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. 

[ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].

«ياخشىلار باغچىسى» 207 - ھەدىس.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز. 

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟