مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسجىدىنىڭ تۇنجى قېتىم بىنا قىلىنىش جەريانى

ئەنەس ئىبنــى مالىــك رەزىيەللاھــۇ ئەنھۇدىن مۇنــداق رىــۋايەت قىلىنىــدۇ: پەيغەمــبەر ســەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەســەللەم مەدىــنىگە كەلگەنــدە، مەدىنىنىڭ يۇقىرىقى قىسـمىدىكى بەنـۇ ئەمـر ئىبنـى ئەۋف دېـگەن مەھەللىـگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە ئـون تـۆت كـۈن تۇرغانـدىن كېـيىن، پەيغەمـبەر ئەلەيھىسسـالام ئــۆزىگە تۇغقــان كېلىــدىغان بەنــۇ نەججــار قەبىلىســىگە ئــادەم ئەۋەتتــى. ئــۇلار پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسـەللەمنى قارشـى ئـېلىش ۋە قوغـداش ئۈچـۈن قىلىچلىرىنى ئاسقان ھالدا ئالدىغا چىقتى. ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: قارىســـام، ئەبـــۇ بەكـــرى رەزىيەللاھـــۇ ئەنھۇ پەيغەمـــبەر ســـەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلىغىغا مىنگەشكەن، بەنۇ نەججار ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى قورشىغان ھالدا ئەبۇ ئەييۇبنىڭ ئۆيىنىڭ ئالـدىغا يېتىـپ كەلـدى. پەيغەمـبەر سـەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەســەللەم قەيەردە نامازنىــڭ ۋاقتــى كىرســە، شــۇ يەردە نامــاز ئوقۇشــنى ياخشى كۆرەتتى، قويلار يېتىپ قوپقان يەرلەردىمۇ ناماز ئوقىـۋېرەتتى. پەيغەمـبەر ســەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەســەللەم ئەبــۇ ئەييۇبنىــڭ ئۆيىنىــڭ ئالــدىغا مەســجىد سالماقچى بولۇپ، بەنۇ نەججار قەبىلىسىگە بېغىنىڭ ئورنىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز بـۇ يەرگە پۇل ئالمايمىز، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن بېرىۋېتىمىز» دېدى. 
ئەنەس رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇنىڭ دېيىشىچە، ئـۇ يەردە مۇشـرىكلارنىڭ قەبرىسـى، ئېگىـز- پەس يەرلەر ۋە خورما دەرەخلىرى بار بولۇپ، پەيغەمـبەر سـەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسـەللەم قەبرىنـى يۆتكىۋېتىـپ، خـورمىنى قومۇرۇۋېتىشـكە ۋە ئېگىـز – پەس يەرلەرنـى تۈزلەشـكە بۇيرىــدى. قومــۇرۇۋېتىلگەن خــورمىلار مەســجىدنىڭ قىــبلە تەرىــپىگە رەتلىــك سـېلىندى، مەسـجىدنىڭ ئىشـىكىنىڭ ئىككـى يېنـى تـاش بىـلەن ئېتىلـدى. ساھابىلەر بىر تەرەپتىن قورام تاشلارنى يۆتكىسە، يەنە بىر تەرەپتىن (كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن) قوشاق ئېيتىشاتتى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسـەللەم ئـۇلار بىلەن تاش - كېسەك يۆتكەۋېتىپ مۇنداق دەيتتى: 
كۆزلەيمىز رەببىمىزدىن ئاخىرەتنىڭ ساۋابىن،
مۇھاجىر، ئەنسارىلارغا رەھىم - شەپقەت ئەيلىگىن».

[سەھىھۇل بۇخارى 428 - ھەدىس]. 

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟