قۇرئاننى چۈشەنمەي ئوقۇۋاتامسىز؟
ئىمام ئىبن جەرىر تەبەرى رحمه الله شۇنداق دېگەن:
«قۇرئاننى ئۇنىڭدا نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەستىن ئوقۇيدىغانلارغا ھەيرانمەن. ئۇلار قانداقمۇ ئۇنىڭدىن ھۇزۇر
ئالالايدۇ؟» [مەھمۇد شاكىر «تەپسىر تەبەرى مۇقەددىمىسى»، 1/10].
بۇ ھەرگىزمۇ ئەرەبچە بىلمىسىڭىز قۇرئاننى تاشلاپ قويۇڭ دېگەنلىك ئەمەس! دەل ئەكسىچە، قۇرئاننى كۆڭۈل ھۇزۇرى بىلەن ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن ھەقىقىي مەنپەئەتلىنەلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشكە تېخىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈش كېرەك، دېگەنلىكتۇر.
بۇنىڭ ئۈچۈن:
(1) ئەرەبچە ئۆگىنىش شارائىتى بارلار، قۇرئان - ھەدىسنى چۈشىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئەرەبچە ئۆگىنىشكە تىرىشىشى؛
(2) بۇ خىل شارائىتى يوقلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە (ئۆزى بىلىدىغان) باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلىرىنى، تەپسىرلىرىنى تەكرار ئوقۇپ، ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا پىششىق بولۇشقا تىرىشىپ، قۇرئان كەرىمدە زادى نېمە دېيىلىۋاتقانلىقىنى، ئاللاھ تەئالانىڭ بىزنى نېمىلەرگە بۇيرۇپ، نېمىلەردىن توسۇۋاتقانلىقىنى بىلىشكە كۈچىشى كېرەك.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.