ئەسىر نامىزىنى كۈن پېتىشقا ئاز قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتىدۇر

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «بۇ مۇناپىقنىڭ نامىزىدۇر، بۇ مۇناپىقنىڭ نامىزىدۇر، بۇ مۇناپىقنىڭ نامىزىدۇر (ئۇ شۇنداق نامازكى) ئۇلاردىن بىرى كۈن سارغىيىپ، شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ ئارىسىغا ياكى شەيتاننىڭ مۈڭگۈزىنىڭ ئۈستىگە كەلگۈچە ئولتۇرىدۇ. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تۆت رەكئەت نامازنى ھاپىلا – شاپىلا ئوقۇيدۇ ۋە نامىزىدا ئاللاھنى پەقەت ئازغىنە ياد ئېتىدۇ»

سۇنەن ئەبۇداۋۇد 413 – ھەدىس، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ تەھقىقلىگەن.

عَنِ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ فَقَالَ سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم يَقُولُ «تِلْكَ صَلاَةُ الْمُنَافِقِينَ تِلْكَ صَلاَةُ الْمُنَافِقِينَ تِلْكَ صَلاَةُ الْمُنَافِقِينَ يَجْلِسُ أَحَدُهُمْ حَتَّى إِذَا اصْفَرَّتِ الشَّمْسُ فَكَانَتْ بَيْنَ قَرْنَىْ شَيْطَانٍ أَوْ عَلَى قَرْنَىِ الشَّيْطَانِ قَامَ فَنَقَرَ أَرْبَعًا لاَ يَذْكُرُ اللَّهَ فِيهَا إِلاَّ قَلِيلاً»
صحيح   (الألباني)

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟