ھالاك قىلغۇچى يەتتە تۈرلۈك گۇناھ
ئىمام
بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ﷺ: «ھالاكەتكە ئېلىپ
بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك ئىشتىن ساقلىنىڭلار» دېۋىدى. بىرى: ئى ئاللاھنىڭ
پەيغەمبىرى! ئۇلار قايسىلار؟ دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «(ئۇلار) ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش،ئاللاھ تائالا (ئۆلتۈرۈشنى)
ھارام قىلغان بىر جاننى ناھەق ئۆلتۈرۈۋېتىش، سېھىرگەرلىك قىلىش، جازانە يېيىش،
يېتىملەرنىڭ ماللىرىنى يېيىش، ئۇرۇش كۈنى (ئۇرۇشتىن) قېچىش ۋە يامان ئىشتىن خەۋىرى
يوق ئىپپەتلىك مۆمىن ئاياللارغا بۆھتان چاپلاشتىن ئىبارەتتۇر».