رەسۇلۇللاھ ﷺ قا ئىتائەت قىلىش ئاللاھ تەئالاغا ئىتائەت قىلغانلىقتۇر
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا قۇرئان كەرىمدە شۇنداق دەيدۇ: {مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ
أَطَاعَ اللَّـهَ ۖ وَمَن تَوَلَّىٰ فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ
حَفِيظًا} ﴿٨٠﴾
«كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ (چۈنكى پەيغەمبەرئاللاھنىڭ ئەمرىنى يەتكۈزىدۇ). كىمكى (ئى مۇھەممەد!) سەندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلگىنكى) بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ، ئەمەللىرىدىن ھېساب ئالغۇچى) قىلىپ ئەۋەتمىدۇق» [سۈرە نىسا 80 – ئايەت]
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم، ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ﷺ نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ماڭا بويسۇنغان
كىشى ھەقىقەتەن ئاللاھقا بويسۇنغان بولىدۇ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان كىشى ھەقىقەتەنئاللاھقا
ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.»