يەھۇدىي - ناسارالارغا (ۋە باشقا كاپىرلارغا) قىلىنىدىغان بەزى مۇئامىلىلەر
ئىمام مۇسلىم ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «سىلەر يەھۇدىي ۋە ناسارا (خىرسىتىيان) لارغا
باشتا سالام قىلماڭلار، ئۇلار بىلەن يولدا ئۇچرىشىپ قالغاندا، ئۇلارنى يولنىڭ
تار يېرىگە قىستاڭلار».
دىنسىزلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قەلبىمىزدە ئۆچ كۆرۈپ تۇرساقمۇ، ئەمما مۇئامىلىدە سىلىق بولۇش رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدىندۇر. ئەمما، دىننىڭ بۇ تەرەپلىرىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە «كىشىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك، دىنسىزلار بىزنىڭ ئەخلاقىمىزدىن تەسىرلىنىشى كېرەك ۋەھاكازا» دەۋېرىپ، تېگىشلىك ئورنى كەلگەندىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۇقىرىقىدەك كۆرسەتمىلىرىنى (خۇددى بۇ ھەدىسلەردىن نومۇس قىلغاندەك) يوشۇرۇپ يۈرۈش قەتئىي توغرا ئەمەس.
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزنى ھەرقانداق بىر ئىشقا بۇيرۇغانىكەن، ئۇنىڭدا مۇتلەق ياخشىلىق بار. گەپ بىزنىڭ يۇقىرىقىدەك كۆرسەتمىلەرنى توغرا چۈشىنىش - چۈشىنەلمەسلىكىمىزدە.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.