رۇكۇدىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىپ قالسا

سوئال: مەن ھىندىستانلىق بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئارقىدا ناماز ئوقۇدۇم، ئۇ بىلگۈچى ئەمەس، ئۇ رۇكۇدىن تۇرغاندا تەكبىر «الله أكبر» ئوقۇيدۇ. مەن «سمع الله لمن حمده» ۋە  «ربنا ولك الحمد» نى دەيمەن. مەن نامىزىمنى قايتا ئوقۇمدىم؟ مەن ئۇنىڭدىن سورىغىنىمدا ئۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىدىكى 70042 - نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

بارلىق ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا خاستۇر.
بىرىنچى:
رۇكۇدىن تۇرغاندا «سمع الله لمن حمده» دېيىش نامازنىڭ ۋاجىبلىرىدىندۇر.

ئىككىنچى:
ئەگەر بىر كىشى بىلىپ تۇرۇپ نامازنىڭ ۋاجىبلىرىدىن بىر ۋاجىبنى تەرك قىلىپ، «سمع الله لمن حمده» نى دېمىسە، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. ئەگەر ئۇنتۇپ قېلىپ ياكى بىلمەي دېمىسە، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى ۋە ئارقىدىكى كىشىنىڭ نامىزى توغرىدۇر. ئەگەر ئۇ كىشى ئېسىگە ئالسا ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىنىڭ خاتالىقىنى بىلسە سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ. ئەگەر ئارىلىق ئۇزىراپ كەتكەن بولسا، ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ زۆرۈرىيتى يوق.
«دقائق أولي النهى» (1/219)  دە كىمكى ھۆكمىنى ۋە ئالىملارنىڭ قارىشىنى بىلمەي بىر ۋاجىبنى تەرك ئەتسە، ئۇ كىشى سەۋەنلىك قىلغۇچىدەك، بىلگەن چاغدا ئۇنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىلگىرى سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا قىلمايدۇ، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ.

شەيخ ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق سورالدى: ئىمام ياكى ئىقتىدا قىلغۇچى «سمع الله لمن حمده» نىڭ ئورنىغا «الله أكبر» نى دېسە ياكى ئۇنىڭ ئەكسىنى قىلىپ قويغان بولسا قانداق بولىدۇ؟
شەيخ ئابدۇلئەزىز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق جاۋاب بەردى
بىر كىشىنىڭ ئۇنى قەستەن قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ناماز ئوقۇغۇچىغا خۇددى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇغاندەك ناماز ئوقۇشى ۋاجىب بولىدۇ.«الله أكبر»، «سمع الله لمن حمده» ۋە «ربنا ولك الحمد» نى ئۆزىنىڭ ئۆز ئورنىدا ئوقۇشى كېرەك. كىمكى سەۋەنلىكتىن ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويسا ئۇ كىشىگە گۇناھ بولمايدۇ، ئىمام ۋە يالغۇز ناماز ئوقۇغان كىشى سەۋەنلىك سەجدىسى قىلىدۇ. «مجموع الفتاوى» (29/286)
ئۈچىنچى:
«سمع الله لمن حمده» ۋە  «ربنا ولك الحمد» نى بىللە دېيىشتە مەسىلە يوق، شافىئىيلار قارىشىدا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ «سمع الله لمن حمده» ۋە  «ربنا ولك الحمد» نى بىللە دېيىشى مۇستەھەپ. ئەمما تەكىتىلىنىدىغان قاراش ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ پەقەت «ربنا ولك الحمد» نى دېيىشىدۇر.

خۇلاسە، سىزنىڭ ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇغان نامىزىڭىز توغرا، چۈنكى ئۇ قەستەن «سمع الله لمن حمده» ۋە «ربنا ولك الحمد» نى تەرك ئەتمىگەن، بەلكى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تەرك ئەتكەن. ئۇنى ئاگاھلاندۇرغىنىڭىزغا ئاللاھ ئەجىر بەرگەي.
ئاللاھ ئەڭ ياخشىسىنى بىلگۈچىدۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟