سالامنىڭ تۈرلىرى ۋە بېرىلىدىغان ساۋابلار
ئىمام ئەھمەد، ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى
رىۋايەت قىلىدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»
دەپ سالام بەردى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇردى. سالام قىلغان
كىشى بېرىپ ئولتۇردى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئون ساۋاب» دېدى.
يەنە بىر كىشى كېلىپ:
«ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى» دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇردى. سالام بەرگەن كىشى ئولتۇردى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
«يىگىرمە ساۋاب» دېدى.
يەنە بىر كىشى كېلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ»
دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ سالىمىنىمۇ ئەينەن قايتۇردى. ئاندىن ئۇ كىشى ئولتۇردى.
پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئوتتۇز ساۋاب» دېدى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.