كومپىيۇتېر ياكى تېلېفوندا قۇرئان ئوقۇشنىڭ ھۆكمى


X
سوئال: كومپىيۇتېردا ئېلېكتىرونلۇق قۇرئان ئوقۇش مۇسھەف (قوليازما ياكى باسما قۇرئانلار) ئوقۇشنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟ يەنى مەن ئەگەر شىركەتتە خىزمەت قىلىپ، بىكار بولۇپ قالغان ۋاقتىمدا تور بەتتە ياكى كومپىيۇتېردا ئېلېكتىرونلۇق قۇرئان ئوقۇسام، قەغەز مۇسھەف ئوقۇغاندەك چوقۇم تاھارەت ئېلىشىم كېرەكمۇ؟

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىدىكى 108477 - نومۇرلۇق سوئال، «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا خاستۇر.
مۇسھەف ئوقۇش، تور بەتتە ياكى تېلېفوندا ئېلېكتىرونلۇق قۇرئان ئوقۇش ھەممىسىنىڭ پەرقى يوق. چۈنكى ئوقۇش دېگەن، ئايەتنى كۆرۈپ، ئېغىز ۋە لەۋنىڭ ھەرىكەتلىنىپ ئاۋاز چىقىرىشىدۇر. ئېلىكتىرونلۇق قۇرئان ئوقۇغان كىشىمۇ قۇرئان ئوقۇشنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلەيدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ياخشىلىق باردۇر، بىر ياخشىلىق ئون ساۋابنىڭ باراۋىرىدىدۇر. مەن <ئەلىف لام مىم> بىر ھەرپ دېمەيمەن، بەلكى ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر». (تىرمىزىي 29012، ئەلبانىي «صحيح الترمذي» دا سەھىھ دېگەن)
«المعجم الوسيط»  (2/360) دا ئوقۇش دېگەن «كىتابقا قاراپ، خەتنى كۆرۈپ ئاندىن ئاۋاز چىقىرىش» دەپ كەلگەن.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ الفتاوى الكبرى  (2/419) دا شۇنداق دېگەن: «ئەگەر قۇرئان ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئوقۇلسا، (ئوقۇغۇچى) چوقۇم ئەجىرگە ئېرىشىدۇ».
قۇرئاننى ئوقۇغاندا تاھارەت ئېلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، تاھارەت ئېلىش قۇرئان ئوقۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىدىن ئەمەس، بەلكى قۇرئاننى تۇتۇشنىڭ زۆرۈر شەرتىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى پەقەت پاك كىشىلا تۇتالايدۇ». (ئىمام مالىك 468، شەيخ ئەلبانى إرواء الغليل دا سەھىھ دېگەن).

تاھارەت يوق ئەھۋال ئاستىدا قۇرئاننى تۇتماي ئوقۇشقا بولىدۇ. شۇڭا تاھارەت بولمىغان ئاستىدا كومپيۇتېرغا قاراپ، قۇرئان ئوقۇش توغرا بولىدۇ. بۇ قۇرئانغا قاراپ تۇتماي ئوقۇغانغا ئوخشاش بولىدۇ، قۇرئاننى ئالدىغا ئېچىپ قويۇپ، قۇرئاننى تۇتماي تۇرۇپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟