ئانامنىڭ ھەققىنى ئادا قىلدىممۇ؟



ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما يەمەنلىك بىرەيلەننىڭ «مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خار (ياۋاش) تۆگىمەن، باشقا ئۇلاغلار ئۈركىسىمۇ، مەن ئۈركىمەيمەن» دېگىنىچە ئانىسىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، كەبىنى تاۋاپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاندىن ئۇ يەمەنلىك كىشى (ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانى كۆرۈپ) «ئى ئىبنى ئۆمەر، سېنىڭچە مەن ئۇ (ئانام)نىڭ ھەققىنى ئادا قىلدىممۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «ياق، ھەتتا بىر قېتىملىق تولغاقنىڭكىنىمۇ (ئادا قىلالمىدىڭ)» دېدى.

ئىمام بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد»تە رىۋايەت قىلغان. ھافىز ئىبنى ھەجەر «تخريج أحاديث الكشاف» دە؛ شەيخ ئەلبانى «سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد»تە سەھىھ دېگەن.


ورأى ابن عمر رضي الله عنهما رجلاً يمانياً يطوف البيت وقد حمل أمه وراء ظهره ، يقول : إني لها بعيرها المذلل ... إن ذعرت ركابها لم أذعر ، ثم قال : يا ابن عمر ، أتراني جزيتها ؟ قال : لا ، ولا بزفرة واحدة . رواه البخاري في "الأدب المفرد" ، وصححه ابن حجر في تخريج أحاديث الكشاف ، والألباني في صحيح الأدب المفرد


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟