نامازدا سۈرە فاتىھەنى مۇنداق ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىس قۇددىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: «مەن نامازنى بەندەم بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككىگە بۆلدۈم، بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ. ئەگەر بەندە: {الْحَمْدُ لِلَّـهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ} (جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر) دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم ماڭا ھەمدە ئېيتتى، دەيدۇ. ئەگەر بەندە: {الرَّحْمَـٰنِ الرَّحِيمِ} (ئۇ ئەڭ شەپقەتلىكتۇر، ئەڭ مېھرىباندۇر) دېسە، ئاللاھ: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى، دەيدۇ. ئەگەر بەندە: {مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ} (قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر) دېسە، ئاللاھ: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى ۋە ئۆزىنى ماڭا تاپشۇردى، دەيدۇ .ئەگەر بەندە {إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ}  (ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز) دېسە، ئاللاھ: بۇ بەندەم بىلەن مېنىڭ ئارامدىكىسىدۇر، بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ، دەيدۇ. ئەگەر بەندە: {اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ} (بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن؛ غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن) دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ بەندەم ئۈچۈندۇر. بەندەم تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ، دەيدۇ» [سەھىھۇل مۇسلىم].


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟