ئىختىلاپلىشىپ قالساق قانداق قىلىمز؟

ئەگەر ھەرقانداق مەسىلىدە ئىختىلاپلىشىپ قالساق، بۇ ئىختىلاپنى نېمىگە ئاساسەن، قانداق ھەل قىلىمىز؟

بۇ ھەقتە، ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە { فَإِن تَنَازَعْتُمْ فِي شَيْءٍ فَرُدُّوهُ إِلَى اللَّـهِ وَالرَّسُولِ إِن كُنتُمْ تُؤْمِنُونَ بِاللَّـهِ وَالْيَوْمِ الْآخِر} «ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار» دەيدۇ.

مۇجاھىد ۋە باشقا سەلەف ئالىملىرى بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر بىر نەرسە ئۈستىدە تالاش - تارتىش قىلىپ قالساڭلار، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە قايتىڭلار. بۇ كىشىلەرنىڭ تالاش - تارتىش قىلغان ھەرقانداق مەسىلىدە قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتىشى توغرىسىدا ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتىش توغرىسىدا) يەنە مۇنداق دەيدۇ {مَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِن شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّـهِ} «سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ» [سۈرە شۇرا 10 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى].

قۇرئان ۋە سۈننەت بىرەر نەرسىگە ھۆكۈم چىقارسا ۋە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇ نەرسە ھەقتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقەت يوقتۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: [ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە (ھەقىقىي) ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار] بۇ ئايەت تالاش - تارتىش بولۇپ قالغاندا قۇرئان ۋە سۈننەتكە قايتمىغان كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ۋە قىيامەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر (نەتىجە ئېتىبارى بىلەن) گۈزەلدۇر».

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟