ئۆز ئارا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىدىغان ئەر- خوتۇنلارغا قانداق ئەجىر - مۇكاپات بېرىلىدۇ؟

ئۆزئارا بىر -بىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەر- خوتۇنلارغا قانداق ئەجىر - مۇكاپات بېرىلىدۇ؟

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال ـ جاۋابلىرى» تورىدىكى 88353 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

سوئال: ئېرىنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىزچىل بويسۇنۇپ ئۇنى ھەم ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان، ئېرىگە ئۆزىنىڭ كىچىك بالىسىغا كۆيۈنگەندەك سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، بۇ مۇئامىلە سەۋەبلىك ئۇنىڭدىن يولدىشى ئىنتايىن خۇرسەن بولىدىغان ۋە ھەرۋاقىت ئېرىنىڭ ياخشى دۇئاسىنى ئالىدىغان ئايالنىڭ ئەجرى قانداق بولىدۇ؟ شۇنىڭغا ئوخشاش ئايالىغا ھەم ياخشى مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەرلەرنىڭ ئەجرىچۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاب:
بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا بولسۇن.
سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلاردىكى سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە بەخت-سائادەتنىڭ داۋاملىق بولۇشىنى ئاللاھ تائالادىن سورايمەن. شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئائىلە ۋە تۇرمۇشلىرى سىلەرنىڭكىگە ئوخشاش سۆيگۈ-مۇھەببەت ۋە سەمىمىيەت بىلەن تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سوئال سورىغۇچى سىڭلىم! مەن سىزگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىزگە ئوخشاش سۈپەتلەر بىلەن ياشىغان ئاياللارنىڭ ئەجرىنى بايان قىلىش توغرىسىدا بەرگەن نۇرغۇن بېشارەتلىرى بىلەن خۇش بېشارەت بېرىمەن:

ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەمغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەگەر بىر ئايال ئۆزىنىڭ بەش ۋاخ نامىزىنى ئوقۇسا، بىر ئاي روزىسىنى تۇتسا، ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىسا، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، قىيامەت كۈنى ئۇ ئايالغا جەننەتنىڭ قايسى ئىشىكىدىن كىرىشنى خالىسىڭىز، شۇنىڭدىن كىرىڭ دېيىلىدۇ».[ئەھمەد رىۋايىتى(1191)، شەيخ ئالبانى «سەھىھ ئەتتەرغىب» ناملىق ئەسەر 1932-ھەدىستە ھەسەن دېگەن].

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىسىتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن سىلەرگە ئاراڭلاردىكى جەننەتتە بولىدىغان ئەرلەردىن خەۋەر بەرمەيمۇ؟» دېۋىدى. بىز:«خەۋەر بەرسىلە، ئى رەسۇلۇللاھ!»دېدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« پەيغەمبەر جەننەتتە بولىدۇ، راستچىل كىشى جەننەتتە بولىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەڭ يىراق يەردىكى قېرىندىشىنى باشقا مەقسەتتىن خالىي ھالدا، ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ زىيارەت قىلغان كىشى جەننەتتە بولىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن:«مەن سىلەرگە ئاراڭلاردىن جەننەتتە بولىدىغان ئاياللارنىڭ خەۋىرىنى بەرمەيمۇ؟» دېۋىدى، بىز:«سۆزلەپ بەرسىلە، ئى رەسۇلۇللاھ» دېدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« مېھرى-مۇھەببەتلىك، تۇغۇمچان، ئەگەر ئاچچىقى كەلسە ياكى پەرىشانلىق يەتسە ياكى ئۇنىڭغا ئېرى ئاچچىقلىسا، بۇ قولۇم سېنىڭ قولۇڭنىڭ ئۈستىدە (يەنى ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى) مەندىن رازى بولمىغۇچە قەدەر كىرپىكىمنى قاقمايمەن (يەنى كۆزۈمگە ئۇيقا كەلمەيدۇ) دېگۈچى ئاياللار جەننەتتە بولىدۇ»دېدى.[تەبرانى «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت» ناملىق ئەسىرى 2-توم 206-بەتتە رىۋايەت قىلغان. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3380- ھەدىس، سەھىھ ئەتتەرغىب ناملىق ئەسىرى 1942-ھەدىستە بايان قىلغان].

ھۈسەيىن ئىبنى مۇھسىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىنىڭ ئايال بىر تۇغقىنىدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ئايال پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىر ئىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالنىڭ ئىشىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن سورىدى: «ئېرىڭىز بارمۇ؟» ئۇ ئايال:«ھەئە»دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« ئېرىڭىزگە قانداقراق مۇئامىلىدە بولىسىز؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئايال:«مەن كۈچۈمنىڭ يەتكىنىچە ياخشى خىزمىتىنى قىلىمەن»دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«سىز ئۆزىڭىزنىڭ يولدىشىڭىز بىلەن بولغان مۇئامىلىڭىزنىڭ قانداقلىقىغا قاراڭ ، چۈنكى ئۇ يولدىشىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى دوۋزىخىڭىزدۇر». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى "ئەلمۇسنەد" ناملىق ئەسىرى 4-توم 341-ھەدىس].

ئەلمەناۋى يۇقىرىقى ھەدىستە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«جەننەتكە كىرىشىڭىزدىكى سەۋەب يولدىشىڭىزنىڭ سىزدىن رازى بولىشى، دوۋزاخقا كىرىشىڭىزدىكى سەۋەب ئۇنى نارازى قىلىشىڭىزدۇر. تۇرمۇشىڭىزدىكى مۇئامىلىنى ياخشىلاڭ، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا گۇناھلا بولمايدىكەن، خىلاپلىق قىلماڭ». [پەيزۇل قەدىر 3-توم 60-بەت].

ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە قىلىدىغان ئەر توغرىسىدا كەلگەن خۇش بېشارەتلەر بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئوخشىغان ئەرنىڭ ئىمانى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان كامىل ئىماندۇر دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن. بارلىق ئىنسانلارغا گۈزەل مۇئامىلىدە بولۇش ئەۋزەلدۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئىمانى ئەڭ كامىلراقى ئۇلارنىڭ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىدۇر. سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئۆز ئاياللىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئەخلاقتا بولغانلىرىڭلاردۇر». [تىرمىزي رىۋايىتى 1162-ھەدىس. شەيخ ئالبانى سەھىھ ھەدىس دېگەن].

ھەممىنىڭ توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۈچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟