ئىسلامدا ئاياللار قانداق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ؟

سوئال: ئاياللار ئىسلامدا قانداق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ؟ ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىن بېرى دۇنيا ئىشلىرىنىڭ تۈرلۈك ئۆزگىرىشى ئاستىدا، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغان؟

ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورىدىكى 70042 - نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

بارلىق ھەمدۇ سانالار ئاللاھقا خاستۇر.
جاۋاب:
بىرىنچى: ئىسلام ئاياللارنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ.
ئالدى بىلەن، ئىسلام ئاياللارنى «ئانا» سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدۇ، چوقۇم ئانىنى ھۆرمەتلەش، ئانىغا ئىتائەت قىلىش، ياخشى مۇئامىلە قىلىش كېرەك، ئانىنىڭ رازىلىقى ئاللاھنىڭ رازىلىقى دەپ قارايدۇ. ئىسلام يەنە «جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا»، يەنى ئانىغا ۋاپادارلىق قىلىش جەننەتكە ئاپىرىدىغان يولدۇر دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئىسلام ئانىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىشىنى، ئانىنى غەزەپلەندۈرۈشىنى، ھەتتا ئانىغا (ھەم دادىغا) «ئوھۇش» دېيىشنىمۇ چەكلەيدۇ. ئىسلام ئانىلارنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقىنى ئاتىلارنىڭكىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئانا ياشىنىپ، ئاغرىق - سىلاق بولۇپ قالغاندا چوقۇم ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى نۇرغۇن ئېنىق دەلىلەردىن كەلگەن.

مەسىلەن: ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «بىز ئىنساننى ئاتا - ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن تۇغدى. ئۇنىڭغا قورساق كۆتۈرۈش مۇددىتى ۋە ئۇنى سۈتتىن ئايرىش مۇددىتى 30 ئايدۇر. تاكى ئۇ (بوۋاق ئۆسۈپ) كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپ، 40 ياشقا يەتكەندە، (ئۇ): «رەببىم! سېنىڭ ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشىمنى ۋە سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلىشىمنى ماڭا ئىلھام قىلغىن، مەن ئۈچۈن مېنىڭ ئەۋلادىمنى تۈزىگىن (يەنى مېنىڭ ئەۋلادىمنى ياخشى ئادەملەر قىلغىن)، مەن ھەقىقەتەن ساڭا (جىمى گۇناھلاردىن) تەۋبە قىلدىم، مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىندۇرمەن» دەيدۇ.[ سۈرە ئەھقاف 15- ئايەت].
ئاللاھ تەئالا يەنە شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «رەببىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى، ئۇلارنىڭ بىرى، يا ئىككىلىسى سېنىڭ قول ئاستىڭدا بولۇپ ياشىنىپ قالسا، ئۇلارغا ئوھۇي دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن)، ئۇلارنى دۈشكەلىمىگىن، ئۇلارغا ھۆرمەت بىلەن يۇمشاق سۆز قىلغىن . ئۇلارغا كامالىي مېھرىبانلىقتىن ناھايىتى كەمتەر مۇئامىلىدە بولغىن ۋە: «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيەلىگىنىدەك ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن» دېگىن»} [سۈرە ئىسرا 23- 24- ئايەتلەر]

ئىبنى ماجە مۇئاۋىيە ئىبنى جاھىمە سۇلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:  مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېىنىغا كېلىپ «ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن سەن بىلەن بىللە جىھاد قىلىشنى ئىرادە قىلدىم، مەن بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىزدەيمەن» دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جاۋابەن: «ۋاي ساڭا، ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دېدى. مەن: ھەئە، دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنداقتا قايتىپ، ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدى. ئاندىن مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن كېلىپ: «ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن سەن بىلەن بىللە جىھاد قىلىشنى ئىرادە قىلدىم، مەن بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىزدەيمەن» دېدىم، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جاۋابەن: «ۋاي ساڭا، ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دېدى. مەن: ھەئە، ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنداقتا قايتىپ، ئاناڭغا ياخشىلىق قىلغىن» دېدى. ئاندىن مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن سەن بىلەن بىللە جھاد قىلىشنى ئىرادە قىلدىم، مەن بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنى ئىزدەيمەن» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جاۋابەن: «ۋاي ساڭا، ئاناڭ ھاياتمۇ؟» دېدى. مەن: ھەئە، ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ۋاي ساڭا! ئاناڭنىڭ پۇتىدىن ئايرىلما، ئاشۇ جەننەتتۇر» دېدى. (ئەلبانىي سۇنەنۇ ئبنى ماجەدە سەھىھ دېگەن) سۇنەن نەسائىيدىكى 3104- نومۇرلۇق ھەدىستە: «ئاناڭدىن ئايرىلما، جەننەت ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنىڭ ئاستىدىدۇر»  دېگەن.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، «بىر ئەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، كىشىلەر ئارىسىدا كىم مېنىڭ ياخشىلىق قىلىشىمغا ئەڭ لايىق؟ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «ئاناڭ» دېدى.  ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «داداڭ» دېدى [ئىمام بۇخارى (5971) ۋە ئىمام مۇسلىم (2548) رىۋايەت قىلغان].
مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر بەك كۆپ، سەھىپە ئېتىبارى بىلەن بۇ يەردە ھەممىنى بايان قىلمايمىز.

ئىسلام ئاياللارنى يەنە «ئايال» سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدۇ. ئىسلامدا ئەر ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، ئايالى بىلەن ئىجىل - ئىناق ئۆتۈشكە بۇيرۇلغان. ئىسلام ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى، پەقەت ئەرلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ بىر دەرىجە ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. ئەر تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئائىلە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئىسلامدا «مۇسۇلماننىڭ ئەڭ ياخشىسى ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشى» دېيىلگەن. ئىسلامدا ئەر ئۆز ئايالىنىڭ مال-مۈلكىنى ئۇنىڭ رازىلىقىسىز ئىشلىتەلمەيدۇ.
ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن (تەرجىمە مەنىسى): «ئۇلار (يەنى ئاياللىرىڭلار) بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» [ سۈرە نىسا 19- ئايەت]
«ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ  غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [ سۈرە بەقەرە 228- ئايەت].

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاياللارغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىڭلار» دېگەن [بۇخارى (3331) مۇسلىم (1468)].
«خَيْرُكُمْ خَيْرُكُمْ لأَهْلِهِ وَأَنَا خَيْرُكُمْ لأَهْلِي» «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇر، مەن سىلەرنىڭ ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇرمەن». [تىرمىزىي رىۋايىتى (3895)، ئبنى ماجە (1977)، ئەلبانىي «صحيح الترمذي» دا سەھىھ دېگەن].

ئىسلام ئاياللارنى «قىز» سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدۇ. ئىسلامدا قىزلارنى تەربىيلەش رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ۋە قىز بالا باققانلار كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى ئىككى قىزنى بالاغەتكە يەتكۈچە باقسا، قىيامەت كۈنى كەلگەندە مەن ئۇ كىشى بىلەن مۇنداق بولىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ بارماقلىرىنى بىرلەشتۈردى». [مۇسلىم (2631) رىۋايەت قىلغان].

ئۇقبە ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «كىمكى ئۈچ قىزى بولۇپ، ئۇلارغا سەبىر قىلسا، ئۆز بايلىقىدىن ئۇلارغا تاماق بەرسە، سۇغارسا ۋە كىيىم كىيدۈرسە، ئۇلار ئۇ كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە دوزاختىن پەردە بولىدۇ». [ئىبنى ماجە (3669) رىۋايەت قىلغان، ئەلبانىي «صحيح ابن ماجه» دە سەھىھ دېگەن]
ئىسلام ئاياللارنى «ئاچا - سىڭىل، ھامما» سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدۇ. نۇرغۇن ئايەت – ھەدىسلەردە بىز سىلە-رەھىم قىلىشقا بۇيرۇلدۇق ۋە رىغبەتلەندۈرۈلدۇق، سىلە–رەھىمنى ئۈزۈشتىن چەكلەندۇق. (شۇ ۋەجىدىن، بىز ئاچا – سىڭىل، ھاممىلىرىمىزغا سىلى – رەھىم قىلىمىز، ئۇرۇق- تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزىمىز)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن :«ئەي خالايىق، سالامنى ئاشكارا قىلىڭلار، تائامنى بېرىڭلار، سىلە-رەھىم قىلىڭلار، كىشىلەر ئۇخلايدىغان كېچىدە ناماز ئوقۇڭلار، جەننەتكە سالامەت كىرىسىلەر» [ئىبنى ماجە (3251) رىۋايەت قىلغان، ئەلبانىي «صحيح ابن ماجه» دە سەھىھ دېگەن].

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تەئالا سىلە-رەھىم توغرىسىدا مۇنداق دېدى:«كىم سېنى ئۇلىسا مەن (رەھمىتىمنى) ئۇنىڭغا ئۇلايمەن، كىم سېنى ئۈزسە، مەنمۇ (رەھمىتىمنى) ئۇنىڭدىن ئۈزىمەن» [بۇخارى (5988)].

ئەگەر بىر ئايالدا يۇقىرىقى خوتۇن، قىز، ئانا، ئاچا-سىڭىل، ھامما دېگەندەك سالاھىيەتلەر ھازىرلانسا، ئۇنداقتا، ئۇ ئايال يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھۆرمەتلەشلەرنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئىسلام ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى. نۇرغۇن شەرىئەت-ئەھكاملىرىدا ئاياللارنى ئەرلەر بىلەن باراۋەر قىلدى؛ ئايال ۋە ئەر ئوخشاشلا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇلغان؛ ئايال ئەر بىلەن ئاخىرەتتە مۇكاپات-جازادا باراۋەر؛ ئايالنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىش ھوقۇقى بار؛ ئايال كىشى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسىدۇ ۋە ئاللاھقا دەۋەت قىلىدۇ؛ ئايال كىشىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى بار، ساتالايدۇ ۋە سېتىۋالالايدۇ، مىراسقا ۋارىسلىق قىلالايدۇ، سەدىقە قىلالايدۇ ۋە ھەدىيە قىلالايدۇ؛ ھەرقانداق ئادەم ئايال كىشى رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئايال كىشىنىڭ مېلىنى ئىشىلىتەلمەيدۇ؛ ئايال كىشىنىڭ ئىززىتى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بار، ئۇنىڭغا تاجاۋۇز قىلىشقا ۋە زۇلۇم قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئايال كىشىنىڭ بىلىم ئۆگىنىش ھوقۇقى بار بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ ئىسلامىي زۆرۈر ساۋاتلارنى ئىگەللىشى (ئەرلەرگە ئوخشاشلا) ۋاجىب بولىدۇ.
كىمكى ئايال كىىشنىڭ ئىسلامدا بەھىرلىنىدىغان ھوقۇقىنى، جاھىلىيەت دەۋرى ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ باقسا، ئۇ چوقۇم بىزنىڭ دېگەنلىرىمىزنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئايال كىشى ئەزەلدىن ئىسلامنىڭ ھۆرمەتلىشىدىن كاتتا ھۆرمەتكە ئېرىشىپ باققىنى يوق!

بىزنىڭ گرېتسىيە، پارس ۋە ھىندىستان جەمئىيتىدىكى ئاياللارنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىشقا پەقەتلا ھاجىتىمىز يوق، خىرىستىئان جەمئىيىتىمۇ ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ. خىرىستىئان چېركاۋ خىزمەتچىلىرى ئىلگىرى داڭلىق كېنەزلەر يىغىنى ئېچىپ «ئايال كىشى نوقۇل بىر گەۋدىمۇ ياكى روھى بار گەۋدىمۇ؟» دېگەن تېمىنى تەتقىق قىلىپ، ئاخىرىدا مەريەمدىن باشقا ئاياللارنىڭ قۇتقۇزۇلغان روھى يوق ئىكەنلىكىنى بىردەك ماقۇللىغان!
فىرانسىيەلىكلەر مىلادىيە 586- يىلى بىر قېتىملىق چوڭ يىغىن ئېچىپ «ئايال كىشىنىڭ روھى بارمۇ- يوقمۇ؟ ئەگەر بار بولسا، ئۇ ھايۋاننىڭ روھىمۇ ياكى ئىنسان روھىمۇ؟» دېگەننى مۇنازىرە قىلىپ، ئاخىرىدا «ئايال كىشىمۇ ئىنسان، لېكىن ئۇ پەقەت ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغانلىق» دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
ئەنگىلىيە پارلامېنتى ھېنرى سەككىزىنچى دەۋرىدە «ئايال كىشى نىجىس بولغانلىقى ئۈچۈن <ئىنجىل> نى ئوقۇشى چەكلىنىدۇ» دەپ قارار چىقارغان.

ئەنگىلىيە ئاساسىي قانۇنىدا، تاكى 1805- يىلىغىچە ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى (تاۋار ئورنىدا) سېتىشىغا يول قويۇلغان، ھەم ئايال كىشىنىڭ باھاسى ئالتە سېنت (100 سېنت بىر فوندسىتېرلىڭ) قىلىپ بېكىتىلگەن!

ھازىرقى كۇفرىي جەمئىيەتتىمۇ، قىز بالا ئون سەككىزگە كىرگەندىن كېيىن ئۆزى ئىشلەپ جېنىنى بېقىشقا مەجبۇر بولىدىغان، ئەگەر داۋاملىق ئاتا – ئانىسى بىلەن بىللە تۇرماقچى بولسا، چوقۇم ئاتا- ئانىسىغا ئىجارە، تاماق پۇلى ۋە كىر يۇيۇش پۇلى تاپشۇرىدىغان ئىشلار مەۋجۇت. «عودة الحجاب» (2/47-56) غا قارالسۇن.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قانداقمۇ ئاياللارنىڭ ئىسلامدا بەھىرلىنىدىغان ھوقۇقلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغىلى بولسۇن؟ ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئانىغا ۋاپادارلىق قىلىشقا، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ھەمدە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىنى تەمىنلەشكە بۇيرىدى!

ئىككىنچى: بۇ ھوقۇقلارنىڭ تارىختىن بېرى ئۆزگىرىشىگە كەلسەك، پىرىنىسپ ۋە ئاساسىي نەزەرىيە جەھەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى؛ ئەمەلىي جەھەتتە بولسا، شەكسىزكى مۇسۇلمانلار ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە تولۇق بويسۇنۇپ ياشىغان. بۇ شەرىئەت ھۆكۈملىرى ئانىغا ۋاپادارلىق قىلىش، خوتۇن، قىز، ئاچا-سىڭىل ۋە بارلىق ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ دىنىي ئاڭ تۆۋەنلىگەندە بولسا، سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ، ئاياللارنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان بۇ ھوقۇقلىرىغا سەل قاراش كۆرۈلگەن. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن، تاكى قىيامەت بولغۇچە دىنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ شەرىئەت ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار بار. ئۇلار ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنى تېگىشلىك ھوقۇقىدىن بەھىرلەندۈرىدىغان كىشىلەردۇر.

بۈگۈنكى مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ دىنىي ئېڭى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما ئاياللار يەنىلا ئىسلامدا تېگىشلىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مەيلى ئانا، قىز، خوتۇن، ئاچا-سىڭىل بولسۇن، ھەممىسى ئوخشاش. ئەلۋەتتە، يەنە بىر بۆلۈك مۇسۇلمانلار ئاياللارنىڭ تېگىشلىك ھوقۇقىغا سەل قاراپ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ قىلغىنىدىن سورىلىدۇ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.


 * ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟