مەۋلۇت ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ؟
زاماننىڭ ئۆتۈشىگە، ئىلىمنىڭ ئازىيىشىغا، بىدئەتكە،
دىنغا زىت يوللارغا چاقىرىدىغان باتىل دەۋەتچىلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،
شۇنداقلا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «لَتَتَّبِعُنَّ سَنَنَ مَنْ كاَنَ قَبْلَكُمْ» «سىلەر چوقۇم ئۆزەڭلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يولىغا (قەدەممۇ قەدەم) ئەگىشىپ
كېتىسىلەر» [ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان، سەھىھ] دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلىيەتتە
كۆرۈلۈشى ۋە ئۆرپ – ئادەت، مۇراسىملىرىدا كاپىرلارغا ئوخشىۋېلىش خاھىشىنىڭ تېز
سۈرئەتتە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كۈنىمىزدىكى بىدئەتلەر ناھايىتى كۆپتۇر. شۇلارنىڭ
بەزىلىرى تۆۋەندىكىلەر:
l
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەۋلۇتىنى (تۇغۇلغان كۈنىنى)
قۇتلۇقلاش
l
(نامازدىن كېيىن، تاماقتىن كېيىن
دۇئا قىلىشقا ئوخشاش) كۈندىلىك ئىبادەتلەردىكى بىدئەتلەر ۋە مۇشۇ بىدئەتلەر
ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇش.
رەبىيۇل ئەۋۋەل ئېيىدا رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ مەۋلۇتىنى (تۇغۇلغان كۈنىنى) قۇتلۇقلاش
بۇ قىلىق ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى
تەبرىكلەش (روژېتسىۋا) دەپ تونۇلغان ئىشنى قىلىدىغان خىرىستىيانلارغا
ئوخشىۋالغانلىقتۇر. نادان مۇسۇلمانلار ياكى ئازغۇن موللىلار مۇھەممەد سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەريىلى رەبىيۇل ئەۋۋەل
ئېيىدا ئۇنىڭ مەۋلۇتىنى (تۇغۇلغان كۈنىنى) قۇتلۇقلاشماقتا. بەزى مۇسۇلمانلار بۇ
باتىل مۇراسىمنى مەسجىدلەردە، بەزىلىرى ئۆيلەردە، بەزىلىرى مەخسۇس مۇشۇ ئىش ئۈچۈن
تەييارلانغان سورۇنلاردا ئۆتكۈزۈشمەكتە.
كۆپىنچە ئەھۋالدا، بۇ مۇراسىملار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەققىدە ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇپ يېزىلغان قەسىدىلەرنى ئوقۇش،
ئاللاھقا ئەمەس، رەسۇلۇللاھقا يېلىنىش دېگەندەك شېرىك ئەمەللەرگە تولغان.
ھالبۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنى
ھەددىدىن زىيادە ماختاشنى چەكلەپ شۇنداق دېگەن: «لاَ تُطْرُونيِ كَماَ أَطْرَتِ النَّصاَرىَ ابْنَ
مَرْيَمَ، إِنَّماَ أَناَ عَبْدٌ فَقُولُوا: عَبْدُ اللهِ وَرَسُولُهُ» «مېنى خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىيسانى ماختىغاندەك
ئاشۇرۇپ ماختىماڭلار، مەن پەقەت بىر قۇل. مېنى ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە ئەلچىسى دەڭلار»
[ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان].
ھەتتا، رەسۇلۇللاھنىڭ مەۋلۇتىنى قۇتلۇقلىغان بۇ
ئىنسانلار رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇلارنىڭ سورۇنىغا ئىشتىراك
قىلىدىغانلىقىمۇ ئىشىنىشىدۇ (ئاللاھ بىزنى بۇ قەدەر ئازغۇن چۈشەنچىلەردىن ساقلىغاي!)
بۇ خىل ئاتالمىش مەۋلۇتلاردا يەنە چالغۇلار چېلىنىپ،
ئوپچە قەسىدىلەر ئوقۇلىدۇ ۋە بىدئەتچى سوپىلارنىڭ زىكىرلىرىدىن بولغان چىركىن
ئىشلار قىلىنىدۇ.
بۇ مەۋلۇتلاردا يەنە ئەر – ئاياللار بىر سورۇندا
ئارىلىشىپ ئولتۇرىدۇ. شەكسىزكى، بۇ پىتنىگە ۋە ھاياسىزلىققا سەۋەب بولىدۇ.
ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بۇ ئاتالمىش مەۋلۇت سورۇنلىرىدا
يۇقىرىقىدەك باتىل ئىشلار سادىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، نوقۇل ھالدا بىر يەرگە
يىغىلىپ تاماق يېگەچ رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەۋلۇتىنى
قۇتلۇقلاشنىڭ ئۆزىلا دىنغا كېيىن قوشۇلغان ئىشتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ ئېيتقىنىدەك، دىنغا كېيىن قوشۇلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.
بىز رەسۇلۇللاھنىڭ مەۋلۇتىنى قۇتلۇقلاشنى بىدئەت دېدۇق،
چۈنكى بۇ ئىشنىڭ قۇرئان – سۈننەتتە بىر دەلىلى يوق. ساھابە، تابىئىن، تابى
تابىئىنلار ۋە سەلەف سالىھتىن ھېچكىم بۇنداق بىر ئىشنى قىلمىغان.
ئاتالمىش مەۋلۇت ھىجرىيەنىڭ 4 – ئەسىرىگە كەلگەندە،
ئاندىن پەيدا بولغان. بۇنى تۇنجى ئوتتۇرىغا چىقارغانلار شىئەلەرنىڭ بىر تارمىقى
بولغان فاتىمىيلەردۇر.
ئىمام ئەبۇھەفس تاجۇددىن فاكىھانى بۇ ھەقتە مۇنداق
دەيدۇ: «جامائەتتىن بەزىلىرى رەبىيۇل ئەۋۋەل ئېيىدا كىشىلەر توپلىشىپ
تەبرىكلەيدىغان، «مەۋلۇت» دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىش ھەققىدە تەكرار سوئال
سوراشماقتا. ئۇنداقتا، بۇ ئىشنىڭ دىندا ئاساسى بارمۇ؟
مەن دېدىمكى، تەۋپىق ئاللاھتىندۇر. بۇ مەۋلۇتنى
قۇتلۇقلاش توغرىسىدا قۇرئان – سۈننەتتىن ھېچقانداق دەلىل بارلىقىنى بىلمەيمەن».
ئەللامە شەيخ سالىھ فەۋزاننىڭ «بىدئەت» ناملىق رىسالىسىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلدى.
ئەللامە شەيخ سالىھ فەۋزاننىڭ «بىدئەت» ناملىق رىسالىسىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلدى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.