«ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى
«تەپسىر ئىبنى كەسىر» سۈرە سەف 2 – ئايەتنىڭ تەپسىرى.
﴿ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟
(يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟)﴾
بۇ ئايەت بىرەر ئىشنى ياكى بىرەر سۆزنى ۋەدە قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭغا ۋاپا قىلمىغان كىشىنى
قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. شۇڭا: ۋەدە قىلىنغان ئىش مەيلى زىيانلىق بولسۇن ياكى بولمىسۇن،
ۋەدىگە قەتئىي ۋاپا قىلىش ۋاجىپتۇر، دېگەن قاراشتىكى سەلەف ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆز
قاراشلىرىغا بۇ ئايەت كەرىمنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇلار بۇ قاراشقا يەنە ئىمام بۇخارى
ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسنى پاكىت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۈر. ۋەدە قىلسا، ۋەدىسىگە
خىلاپلىق قىلىدۇ؛ سۆزلىسە، يالغان سۆزلەيدۇ؛ ئامانەت قويۇلسا، خىيانەت قىلىدۇ».
ئىمام بۇخارى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «تۆت ئىش بار، كىمدە ئۇ تۆت
ئىش تېپىلسا، ئۇ خالىس مۇناپىق بولىدۇ. كىمدە ئۇ تۆت ئىشنىڭ بىرى تېپىلسا، ئۇ كىشى
تاكى شۇ ئىشنى تاشلىمىغۇچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقنىڭ بىر ئالامىتى بولىدۇ».
(يۇقىرىقى ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك،
مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدىغان) شۇ تۆت ئىشنىڭ بىرى ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش
دەپ كۆرسىتىلگەن. ئاللاھ تائالا شۇڭا بۇ خىل كىشىلەرنى ئەيىبلەشنى تەكىتلەپ مۇنداق
دېدى: ﴿سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ
ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)﴾.
ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇداۋۇد ئابدۇللاھ
ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ قېشىمىزغا كەلدى. مەن ئۇ چاغدا كىچىك بالا ئىدىم.
مەن ئويناش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدىم. ئانام:
ئى ئابدۇللاھ! بۇ ياققا كەل! مەن ساڭا ئوبدان بىر نەرسە بېرىمەن،- دېدى. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئانامغا: «ئۇنىڭغا نېمە بەرمەكچىسەن؟»
دېدى. ئانام: خورما بەرمەكچىمەن،- دېدى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەگەر ئوغلۇڭغا بىر نەرسە بەرمىسەڭ، ساڭا
يالغان سۆزلەشنىڭ گۇناھى يېزىلاتتى» دېدى.
مۇقاتىل ئىبنى ھەييان مۇنداق دەيدۇ:
مۆمىنلەر ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك كۆرۈنىدىغان ئەمەللەرنى بىلسەك ئىدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە
قىلاتتۇق،- دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئاللاھ تائالا: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا
مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە
ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە ساباتلىق تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) ياخشى كۆرىدۇ﴾ دېدى.
بەزىلەر بۇ ئايەتنى جىھاد ھەققىدە نازىل
بولغان دەيدۇ. چۈنكى، ئادەملەر جىھاد قىلدىم دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ جىھاد قىلمىغان.
بىرسىگە نەيزە تىقتىم دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچكىمگە نەيزە تىقمىغان. دۈشمەننى چاپتىم
دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىرمۇ دۈشمەننى چاپمىغان چىداملىق بىلەن ئۇرۇش قىلدىم دەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇرۇشقا چىداملىق بولمىغان ئادەملەردۇر.
قەتادە ۋە زەھھاك مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئايەت
بىز دۈشمەنلەرنى ئۆلتۈردۇق، ئۇلارنى چاپتۇق، ئۇلارغا نەيزە تىقتۇق ۋە قالتىس ئىشلارنى
قىلدۇق دېگەن، ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۇ ئىشلاردىن ھېچبىرىنى قىلمىغان ئادەملەرنى ئەيىبلەپ
نازىل بولدى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.