ئاياللارنى ئۇرۇشنىڭ ھۆكمى
ئىسلام سوئال ـ جاۋابلىرى تورىدىكى 41199 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
سوئال: مەن سىلىنىڭ تور بەتلىرىدىكى (islamqa.info) سوئاللارغا بەرگەن ئېسىل جاۋابلىرىغا بەكلا قايىل، مېنىڭ كۆپلىگەن ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگەنگۈم بار، لېكىن مەن ھەر قېتىم يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمدا، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا مەندە شەك پەيدا بولىدۇ، مەن سىزدىن شۇنداق مەسلىھەت سورىماقچىمەنكى، قۇرئاندا ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنى ئۇرۇشىغا يول قويۇلغانمۇ؟ ئەگەر جاۋابى شۇنداق بولسا، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى سورايمەن.
سوئال: مەن سىلىنىڭ تور بەتلىرىدىكى (islamqa.info) سوئاللارغا بەرگەن ئېسىل جاۋابلىرىغا بەكلا قايىل، مېنىڭ كۆپلىگەن ئىسلامىي بىلىملەرنى ئۆگەنگۈم بار، لېكىن مەن ھەر قېتىم يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەن ۋاقتىمدا، شۇنىڭغا ئەگىشىپلا مەندە شەك پەيدا بولىدۇ، مەن سىزدىن شۇنداق مەسلىھەت سورىماقچىمەنكى، قۇرئاندا ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنى ئۇرۇشىغا يول قويۇلغانمۇ؟ ئەگەر جاۋابى شۇنداق بولسا، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭىزنى سورايمەن.
جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇ
سانالار ئاللاھقا خاستۇر.
سىزنىڭ
بىزنىڭ تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلغانلىقىڭىزدىن ۋە سىزنىڭ ئىسلامىي بىلىملەرگە
بولغان تەلپۈنۈشىڭىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز، ئاللاھنىڭ سىزنى ئىككى دۇنيالىق
سائادەتكە ئېرىشىدىغان يولغا ھىدايەت قىلىشىنى تىلەيمىز.
1. قۇرئاندا
ئەرلەر ئايالىنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، ئايالىنى
ھۆرمەتلەشكە بۇيرۇلغان. ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «ئۇلار
بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر
قىلىڭلار)، سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ﷲ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى
مۇمكىن» [سۈرە نىسا 19- ئايەت]
2. قۇرئاندا
ئەر كىشىنىڭ ھوقۇققا ئىگە بولغىنىغا ئوخشاش، ئايال كىشىنىڭمۇ تېگىشلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن
بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئاللاھ تەئالا شۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھەقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە
ئاياللارنىڭمۇ ھەقلىرى بار (يەنى ئاياللار مۇۋاپىق دەرىجىدە ھوقۇقتىن بەھرىمەن
بولۇشى كېرەك، مۇۋاپىق دەرىجىدە مەجبۇرىيەتمۇ ئۆتىشى كېرەك). (ئاياللارغا مەھرى
بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن)
ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ﷲ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش
قىلغۇچىدۇر». [سۈرە بەقەرە 228-ئايەت]. بۇ ئايەت ئەرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ
ھوقۇقلىرىنىڭ بارلىقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىنى بېقىش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيتىنىڭ
بارلىقىنىڭ بىر–بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
3. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىنى ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرۇدى. ئەڭ
ياخشى ئادەمنىڭ ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى تىلغا
ئېلىپ مۇنداق دېدى: «خَيْرُكُمْ
خَيْرُكُمْ لأَهْلِهِ وَأَنَا خَيْرُكُمْ لأَهْلِي» «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئايالىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە
قىلىدىغىنىڭلاردۇر، مەن سىلەرنىڭ ئەھلىگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغىنىڭلاردۇرمەن».
[تىرمىزىي رىۋايىتى (3895)، ئبنى ماجە (1977)، ئەلبانىي «صحيح الترمذي» دا سەھىھ دېگەن].
4.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا
مۇناسىۋەتلىك گۈزەل ئىشلارنى تىلغا ئېلىپ، ئەرنىڭ يېمەكلىكنى ئايالىنىڭ ئاغزىغا
سېلىپ، ساۋابقا ئېرىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:«وإنك لن تنفق نفقة إلا أجرت عليها حتى اللقمة ترفعها إلى في امرأتك» «سېنىڭ ئايالىڭغا خىراجەت قىلغانكى نەرسەڭگە ئەجىر بېرىلىدۇ،
ھەتتا ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان بىر لوقمىغىمۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 6532،
مۇسلىم 1628]
5. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «اتقوا الله في النساء فإنكم أخذتموهن بأمان الله واستحللتم فروجهن
بكلمة الله ولكم عليهن أن لا يوطئن فرشكم أحدا تكرهونه فإن فعلن ذلك فاضربوهن ضربا
غير مبرح ولهن عليكم رزقهن وكسوتهن بالمعروف»
«ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار، شەكسىزكى سىلەر
ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكى بىلەن ئالدىڭلار، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن (ئۆزەڭلەرگە)
ھالال قىلدىڭلار، ئۇلار سىلەر يامان كۆرىدىغان كىشىنى كۆرپەڭلارغا دەسسەتمەسلىكى كېرەك،
ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئۇلارنى يەڭگىل ئۇرۇڭلار، سىلەر ئۇلارنىڭ يېمەكلىكىنى
ۋە كىيىمىنى چىرايلىقچە قىلىپ بېرىڭلار» [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 1218]
«ولكم عليهن أن لا يوطئن فرشكم أحدا تكرهونه» «ئۇلار
سىلەر يامان كۆرىدىغان كىشىنى كۆرپەڭلارغا دەسسەتمەسلىكى كېرەك» دېگەن جۈملىنىڭ مەنىسى «ئۇلار سىلەر ئۆچ
كۆرىدىغان ھەر قانداق ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ، مەيلى ئۇ ئايال كىشىنىڭ مەھرەم
تۇغقانلىرى بولسۇن، تۇرالغۇڭلارغا كىرىشىگە ۋە سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇشىغا يول قويماسلىقى لازىم. چەكلەشنىڭ مەنىسى
شۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» [ئىمام نەۋەۋىي شەرھىسى]
ھەدىستە
ئايال كىشى قارشى چىقسا ياكى ئاسىيلىق قىلسا، ئەرنىڭ يەڭگىل ئۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىندى.
ئاللاھ
تەئالانىڭ دېگىنىدەك (تەرجىمە مەنىسى): «سىلەر
سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم
بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەبلەش
مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش
خىيالىدا بولماڭلار. ﷲ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر» [سۈرە نىسا
34-ئايەت].
ئەگەر ئايال
ئەرگە بويسۇنمىسا، بۇيرۇقىغا قارشى چىقسا، ئەر ئايالغا نەسىھەت قىلسا ياكى ئۇنىڭ
بىلەن بىر تۆشەكتە ياتمىسا، ياكى يەڭگىل ئۇرسا بولىدۇ. ھەسەن ئەلبەسرىي :«يەڭگىل
ئۇرۇش دېگەننىڭ مەنىسى «ئىز قالدۇرمىغۇدەك ئۇرۇشتۇر» دېگەن.
ئەتائ مەن
ئىبنى ئابباستىن: «يەڭگىل ئۇرۇش قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىسام، ئۇ:«مىسۋاك ۋە
شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسە بىلەن ئۇرۇش» دېدى.
ئايالنى
ئۇرۇشتىن مەقسەت ئۇنى قىيناش ياكى خورلاش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ خاتا
قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بولۇپ، ئايال ئەرنىڭ ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلسا، ئەرنىڭ ئۇنىڭ
خاتالىقىنى تۈزىتىش ھوقۇقى بار.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.