دوزاخ ئوتىنىڭ ھارارىتى قانچىلىك؟

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «(دۇنيادا) ئىنسانلار يېقىۋاتقان ئوت دوزاخ ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىرىگە تەڭدۇر» دېدى. ساھابىلار: ئى ﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! مۇشۇ بىر ھەسسىسىمۇ يېتەرلىك بولاركەنغۇ؟ دېۋىدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ بىر ھەسسىگە يەنە ئاتمىش توققۇز ھەسسە قېتىلدى» دېدى. 

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېدى: «ئۇ بىر ھەسسىگە (ھەر بىرى شۇ بىر ھەسسىنىڭ قىزىقلىقىدا بولغان) ئاتمىش توققۇز ھەسسە قېتىلدى».

ئىمام ئەھمەد ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «دوزاخقا كىرگەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ يەڭگىل ئازاب بېرىلگەن كىشى (ئوتتىن) ئىككى كەش كەيدۈرۈلگەن كىشى بولۇپ، ئۇ ئىككى كەشنىڭ قىزىقلىقىدىن ئۇنىڭ مېڭىسى قاينايدۇ» دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان.

"ئىبنى كەسىر تەپسىرى" ئۇيغۇرچىسى سۈرە قارىئەنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟