رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ھەرقانداق سۆزى ھەقتۇر

ئىمام ئەھمەد، ئابدۇللا ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان ھەر قانداق نەرسىنى يادىلاش ئۈچۈن يېزىۋالاتتىم. قۇرەيش ماڭا: سەن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى يېزىۋالىدىكەنسەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا بىر ئىنساندۇر. ئۇ ئاچچىغى كەلگەن چاغدىمۇ سۆزلەيدۇ، دېدى. 
شۇنىڭ بىلەن يېزىشتىن توختاپ، بۇ ئىشنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئېيتتىم. ئۇ: «يازغىن، جېنىم ئىلكىدە بولغان زات (ﷲ) بىلەن قەسەمكى، مەندىن پەقەت ھەقلا چىقىدۇ (يەنى مەن ھەقتىن باشقىنى سۆزلىمەيمەن)» دېدى. 

بۇنى ئىمام ئەبۇداۋۇدمۇ رىۋايەت قىلغان.

ئۇيغۇرچە "ئىبنى كەسىر تەپسىرى" سۈرە نەجم 4 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى.


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟