مېيتقا ئەگىشىدىغان ئۈچ نەرسە
ئىمام بۇخارى ئەنەس ئىبنى مالىكتىن پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئۆلگەن كىشىگە ئۇنىڭ بالىۋاقىلىرى، پۇل - ماللىرى ۋە ئەمەللىرىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسە (تاكى ئۇنىڭ قەبرىسىگىچە) ئەگىشىپ بارىدۇ. (بۇ ئۈچ نەرسىدىن) ئۇنىڭ بالا - چاقىلىرى ۋە پۇل - مېلى قايتىپ كېتىدۇ، ئەمەل - ئىبادەتلىرىلا ئۇنىڭ بىلەن قېلىپ قالىدۇ».
بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم، تىرمىزى ۋە نەسەئى قاتارلىق ئىماملارمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلدى.
"ئىبنى كەسىر تەپسىرى" ئۇيغۇرچىسى سۈرە تەكاسۇرنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.