سۈرە ئىخلاسنىڭ پەزىلىتى
سۈرە ئىخلاسنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ بايانى توغرىسىدا
ئىمام بۇخارى ئابدۇراھماننىڭ قىزى ئۇرۋەدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كىشىنى بىر قوشۇنغا باش قىلىپ ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇ كىشى ھەمراھلىرىغا ئوقۇپ بەرگەن ھەر نامازدا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ ئاندىن نامازنى تۈگىتىدىكەن. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە، بۇ ئىشنى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خەۋەر قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا: «ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭلار. ئۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىپتۇ؟» دېدى. ئۇلار ئۇ كىشىدىن (ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى) سورىغان ئىدى. ئۇ كىشى: سۈرە ئىخلاس بولسا، ﷲ تائالانى سۈپەتلەپ كەلگەن سۈرىدۇر. شۇڭا مەن ئۇنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭلار. ﷲ تائالا ھەقىقەتەن ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى.
بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ۋە نەسەئىمۇ رىۋايەت قىلدى.
ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: قۇبا مەسجىتىدە كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ بېرىدىغان ئەنسارىلىق بىر ئادەم بارئىدى. ئۇ نامازنىڭ ھەر بىر رەكئىتىدە سۈرە ئىخلاسقا يەنە بىر سۈرە قوشۇپ ئوقۇيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا: سەن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇيسەن، يەنە تېخى ئۇ يېتەرلىك ئەمەستەك ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە بىر سۈرە ئوقۇيسەن، سەن سۈرە ئىخلاسنىلا ئوقۇ ياكى بۇنى ئوقۇماي باشقا سۈرە ئوقۇ، دېدى. ئۇ كىشى: مەن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇشنى تاشلاپ قويالمايمەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ مۇشۇنداق ئىمام بولۇپ بېرىشىمنى خالىساڭلار، مەن ئىمام بولۇپ بېرىمەن، ئەگەر خالىمىساڭلار، مەن سىلەرگە ئىمام بولۇپ بەرمەيمەن، دېدى. ئۇلار ئۇ كىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى كىشى دەپ قارايتتى. شۇڭا ئۆزلىرىگە ئۇنىڭدىن باشقا بىرسىنىڭ ئىمام بولۇپ بېرىشىنى خالىمايتتى. كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھىجرەت قىلىپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلگەندە، ئۇلار بۇ ئىشنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئى كىشى! سەن نېمىشقا ھەمراھلىرىڭ سەندىن تەلەپ قىلغان ئىشنى قىلمىدىڭ؟ سېنىڭ ھەر بىر رەكئەتتە سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇشۇڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدى. ئۇ كىشى: مەن بۇ سۈرىنى (ئوقۇشنى) ياخشى كۆرىمەن، دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سېنىڭ بۇ سۈرىنى (ئوقۇشنى) ياخشى كۆرگەنلىكىڭ سېنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ» دېدى.
سۈرە ئىخلاسنىڭ قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ بايانى توغرىسىدا
ئىمام بۇخارى ئەبۇسەئىدنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ سۈرە ئىخلاسنى قايتا - قايتا ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلىدى. بۇنى ئاڭلىغان ئۇ كىشى بۇ سۈرىنى ئاددىي كۆرگەندەك قىلىپ سەھەردىلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ، بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دەپ بەردى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «جېنىم قولىدا بولغان زات ﷲ بىلەن قەسەمكى، شەك - شۈبھىسىزكى، سۈرە ئىخلاس قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە باراۋەر بولىدۇ» دېدى. بۇ ھەدىسنى ئەبۇداۋۇد ۋە نەسەئى قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلدى.
ئىمام بۇخارى ئەبۇسەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە: «سىلەردىن بىرىڭلار بىر كېچىدە قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇشتىن ئاجىز كېلەمدۇ؟» دېدى. بۇ ئىش ساھابىلارغا ئېغىر كىلىپ ئۇلار: ئى ﷲ نىڭ پەيغەمبىرى! بىزدىن كىممۇ بۇنىڭغا قادىر بولالىسۇن؟ دېدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ اللە بىردۇر. ھەممە اللەغا موھتاجدۇر دېگەن سۈرە (يەنى سۈرە ئىخلاس) قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىگە تەڭدۇر» دېدى.
"ئىبنى كەسىر تەپسىرى"نىڭ ئۇيغۇرچىسى سۈرە ئىخلاس تەپسىرىدىن
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.