ناماز ئوغرىسى
ئەبۇقەتادە رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئوغرىنىڭ
ئەڭ ئەسكىسى ئۆزىنىڭ نامىزىدىن ئوغرىلىغان كىشىدۇر» دېۋىدى، ساھابىلەر: «يا
رەسۇلۇللاھ، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ نامىزىدىن قانداق ئوغرىلايدۇ؟» دەپ سورىدى،
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنىڭ (يەنى نامازنىڭ) رۇكۇسىنى، سەجدىسىنى ۋە خۇشۇئ (قورقۇش،
ئەيمىنىش)سىنى كامىل قىلماسلىق بىلەن (ئوغرىلايدۇ)» دەپ جاۋاب بەردى.
ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام
ھاكىم توپلىغان، سەھىھۇل جامى 986 – ھەدىس.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.