مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر
{مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر} [سۈرە ھۇجۇرات 10 – ئايەت]
يەنى
ھەممە مۆمىنلەر دىندا قېرىنداشتۇر.
بۇ
ھەقتە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان
مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇلار بىر - بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ، بىر - بىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرمەيدۇ».
ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ
مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىرەر بەندە قېرىندىشغا
ياردەمچى بولسا، ﷲ تائالا ئۇ بەندىگە ياردەمچى بولىدۇ».
ئىمام
مۇسلىم يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت
قىلىدۇ: «ئەگەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىغا
ئۇ يوق يەردە دۇئا قىلسا، پەرىشتە: ئامىين (يەنى ئى ﷲ! ئىجابەت قىلغىن)! ساڭىمۇ ئوخشىشى
بولسۇن! دەيدۇ».
ئىمام
مۇسلىم يەنە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت
قىلىدۇ: «مۆمىنلەر ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ئۆزئارا مېھرى
- شەپقەت يەتكۈزۈش ۋە ئۆزئارا سىلە - رەھىم قىلىشتا بىر تەنگە ئوخشايدۇ. ئەگەر تەننىڭ
بىرەر ئەزاسىغا ئاغرىق يەتسە، تەننىڭ قالغان قىسمى قىزىتما ۋە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن بىئارام
بولىدۇ».
ئىمام
بۇخارى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«مۆمىننىڭ مۆمىنگە ياردەمدە بولۇشى بىر - بىرىنى ئۆزئارا چىڭىتىپ
تۇرىدىغان بىناغا ئوخشايدۇ» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ
مىسالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بارماقلىرىنى بىر - بىرىگە كىرىشتۈرۈپ كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇرچە
«ئىبنى كەسىر تەپسىرى» سۈرە ھۇجۇرات 10 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.