ئۆمرە قىلىش مۇستەھەبمۇ ياكى ۋاجىبمۇ؟

سوئال: ئۆمرە قىلىش مۇستەھەبمۇ ياكى ۋاجىبمۇ؟

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 39524 – نومۇرلۇق سوئال

جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئالىملار ئۆمرە قىلىشنىڭ ئىسلامدا بېكىتىلگەن ئىبادەت ئىكەنلىكى ۋە پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكى ھەققىدە بىردەكلىككە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆمرە قىلىشنىڭ ۋاجىب ياكى ئەمەسلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشتى.

تەرجىماندىن ئىلاۋە: بۇ يەردىكى «ۋاجىب» ئىبارىسى بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىشلىتىپ كۆنگەن «پەرز» بىلەن ئوپمۇئوخشاشتۇر. «پەرز» بىلەن «ۋاجىب» بەزى مەزھەپلەردە دېيىلگىنىدەك بىر – بىرىدىن پەرقلىق ئۇقۇم ئەمەس، بىر گەپتۇر.

ئىمام ئەبۇھەنىفە ۋە ئىمام مالىك ئۆمرە قىلىش ۋاجىب ئەمەس، مۇستەھەب دەپ قارىغان. شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىيەمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.
ئۇلار بۇ قارىشىغا ئىمام تىرمىزى (931) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى دەلىل قىلغان، بۇ ھەدىسكە كۆرە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆمرە قىلىش ۋاجىبمۇ دەپ سورالغاندا، ئۇ «ياق، لېكىن ئۆمرە قىلساڭ تېخىمۇ ياخشى» دەپ جاۋاب بەرگەن.
لېكىن، بۇ ھەدىس زەئىپتۇر. بۇ ھەدىسنى ئىمام شافىئىي، ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر، ھافىز ئىبنى ھەجەر ۋە ئىمام نەۋەۋى زەئىپ دېگەن؛ شەيخ ئەلبانىمۇ «زەئىف ئەلتىرمىزى»دا بۇ ھەدىسنى زەئىپ دەپ باھالىغان.

ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس زەئىپ، دەلىل قىلىشقا يارىمايدۇ. ئۆمرە قىلىشنى (ۋاجىب ئەمەس) مۇستەھەب دېيىشكە ھېچقانداق دەلىل يوق.
ئىمام نەۋەۋى «ئەلمەجمۇئ» (6/7) دا مۇنداق دېگەن: «ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىدە ئىتتىپاققا كەلگەن».
بۇ ھەدىسنىڭ زەئىپلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلى شۇكى، (بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان دېيىلگەن ساھابە) جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «ئۆمرە قىلىش ۋاجىب» دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكى مەلۇمدۇر، بۇ ھەقتە تۆۋەندە توختىلىمىز.

ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد ئۆمرە قىلىشنى ۋاجىب دەپ قارىغان. ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان.
«ئۆمرە قىلىش ۋاجىب» دېگۈچىلەر تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە دەلىل كەلتۈرگەن:

1. ئىبنى ماجە (2901) ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ، مەن «يا رەسۇلۇللاھ، ئاياللار جىھادقا قاتنىشىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «شۇنداق، ئۇلار چوقۇم ئۇرۇش يوق جىھادنى، يەنى ھەج بىلەن ئۆمرىنى قىلىشى كېرەك» دېدى.
ئىمام نەۋەۋى «ئەلمەجمۇئ» (4/7)دا بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ، دېگەن. شەيخ ئەلبانىمۇ «سەھىھ ئىبنى ماجە»دە بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ باھالىغان.
بۇ ھەدىسنىڭ دەلىل قىلىنىشىدىكى سەۋەب، بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «عَلَيْهِنَّ» «ئۇلار چوقۇم قىلىشى كېرەك» دېگەن، بۇ ئۆمرە قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2. مەشھۇر جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ھەدىسىدە، جبرىئىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىسلام، ئىمان، ئېھسان ۋە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە سورايدۇ. بۇ ھەدىسنىڭ ئىبنى خۇزەيمە ۋە داراقۇتنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان نۇسخىسىدا ئۆمرە قىلىش ھەج قىلىش بىلەن بىر يەردە تىلغا ئېلىنىپ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىسلام دېگەن ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىشىڭ؛ بەش ۋاق نامازنى ئوقۇشۇڭ؛ زاكات بېرىشىڭ؛ بەيتۇللاھقا ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشىڭ.... دۇر» دېيىلگەن. داراقۇتنى بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سابىت ۋە سەھىھتۇر، دېگەن.

3. ئىمام ئەبۇداۋۇد ۋە ئىمام نەسائى سۇباي ئىبنى مەئبەدنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن بىر بەدەۋى خىرىستىيان ئىدىم... مەن ئۆمەرنىڭ يېنىغا كېلىپ: «ئى ئەمىرۇل مۇئمىنىن! مەن مۇسۇلمان بولدۇم ۋە ھەج بىلەن ئۆمرەنىڭ ماڭا پەرز قىلىنغانلىقىنى بايقىدىم ۋە ئۇلار (ھەج ۋە ئۆمرە) ئۈچۈن ئىھرام باغلىدىم» دېدىم. ئۆمەر ماڭا؛ «سەن پەيغەمبىرىڭ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم)نىڭ سۈننىتىگە ھىدايەت قىلىنىپسەن» دېدى.

4. ئىبن ئابباس، ئىبنى ئۆمەر ۋە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملارنىڭ كۆز قارىشى. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئۆمرە ۋاجىب بولمىغان مۇسۇلمان يوقتۇر» دېگەن. ھافىز ئىبنى ھەجەر «بۇ سۆز ئىبنى جەھىم مالىكىدىن ھەسەن سەنەد ئارقىلىق رىۋايەت قىلىنغان» دېگەن.

ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارىدىكى بىر بابقا «ئۆمرە قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتى»دەپ ماۋزۇ قويغان.
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما «ھەج ۋە ئۆمرە ۋاجىب بولمىغان ھېچكىم يوق» دېگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: بۇ ئىككىسى ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىدا «وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّـهِ» «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار» دەپ بىر يەردە تىلغان ئېلىنغان  [سۈرە بەقەرە 196 – ئايەت] شۇڭا، بۇ ئۆمرە قىلىشنىڭمۇ ھەجگە ئوخشاشلا ۋاجىبلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەن.

شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ: «توغرا قاراش شۇكى، ھاياتىدا بىر قېتىم ئۆمرە قىلىش ھەج قىلىشقا ئوخشاش ۋاجىبتۇر» دېگەن [شەيخ بىن باز پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى 16 – جىلىد 355 – بەت].

شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن «شەرھۇل مۇمتى» (9/7)دا شۇنداق دېگەن: «ئالىملار ئۆمرە قىلىشنىڭ ۋاجىب ياكى مۇستەھەبلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشقان، بىزنىڭ قارىشىمىزدا ئۆمرە قىلىش ۋاجىبتۇر».

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتىنىڭ 317/11 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدا شۇنداق دېيىلگەن:
ئالىملار ئارىسىدىكى ئىككى خىل كۆز قاراشنىڭ توغرىراقىغا كۆرە، ئۆمرە قىلىش ۋاجىبتۇر، چۈنكى ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن: «وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّـهِ» «ھەج بىلەن ئۆمرەنى ئاللاھ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار»  [سۈرە بەقەرە 196 – ئايەت].
يەنە شۇنداقلا، بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرمۇ بۇ نۇقتىنى دەلىللەيدۇ.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
پايدىلىنىلغان مەنبەلەر:

«ئەلمۇغنى» 13/5؛ «ئەلمەجمۇئ» 4/7؛ «ئىبنى تەيمىيە پەتىۋالىرى» 5/26؛ شەيخ ئىبن ئۇسەيمىننىڭ «شەرھۇل مۇمتى» 9/7.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟