ئايال كىشى ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ھەيز ۋاقتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى قانداق بېكىتىدۇ؟

ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.
  
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال ـ جاۋابلىرى» تورىدىكى 5595 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى

سوئال: ئايال كىشى ھەيز ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن نامازنى قاچان باشلايدىغانلىقىنى قانداق بېكىتىدۇ؟ ئەگەر ئايال ھەيز ۋاقتىم ئاخىرلاشتى دەپ قاراپ، نامازنى باشلىغان بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قان كەلگەنلىكىنى چىققانلىقىنى ياكى بېغىررەڭ سۇيۇقلۇق كەلگەنلىكىنى بىلگەن بولسا قانداق قىلىشى كېرەك بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئايال كىشى ئادەت كۆرۈپ قالغاندا، ئۇنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقى، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەيز قېنىنىڭ ئۈزۈلۈشى بىلەن بولىدۇ، كۆپچىلىك پىقھى ئالىملار ھەيز مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاز ۋاقتى بىر كېچە-كۈندۈز، ئەڭ كۆپ ۋاقتى ئون بەش كۈن دېگەن قاراشتا بولغان.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ «ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق، قاچان ھەيزنىڭ مەلۇملۇق سۈپەتلىرى تېپىلسا ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ھەيز ھېسابلىنىدۇ» دېگەن قاراشنى ياقىلاپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا قۇرئان-ھەدىستە نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى ھەيزگە ئالاقىدار قىلدى، ئۇنىڭ ئەڭ ئاز ياكى ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى بېكىتمىدى، ئۈممەت ئېھتىياجلىق بولغان ۋە ئومۇمىي مەسىلە بولۇپ قالغان ئىككى ھەيزنىڭ ئارىسىدىكى پاكىزلىقنىڭ ۋاقتىنىمۇ بېكىتمىدى. ئىسلام ئالىملىرىدىن بەزىسى ھەيزنىڭ ئاز ۋە كۆپ ۋاقتىنى بېكىتتى، ئاندىن ئۇلار بۇ بېكىتىشتە ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزىلەرنىڭ ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتىنى بېكىتتى، ئەڭ ئاز ۋاقتىنى بېكىتمىدى، بۇنىڭ ئەڭ توغرا بولغىنى ئۈچىنچى قاراش بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ: «ھەيزنىڭ ئەڭ ئاز ۋە ئەڭ كۆپ ۋاقتىنىڭ بەلگىلىمىسى يوق دېگەندىن ئىبارەتتۇر». [«پەتىۋالار توپلىمى» 19-توم 237-بەت].
ئىككىنچى: بۇ يەردە ئىستىھازە (ئاياللار كېسىلى) دەيدىغان يەنە بىر قان بولۇپ، ئۇ قاننىڭ سۈپىتى ھەيزنىڭ قېنىنىڭ سۈپىتىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىمۇ ھەيزنىڭ ھۆكمىگە ئوخشىمايدۇ، بۇ قان بىلەن ھەيزنىڭ قېنىنى تۆۋەندىكى سۈپەتلەر بىلەن پەرقلەندۈرىمىز:
رەڭگى: ھەيزنىڭ قېنى قارامتۇل بولىدۇ، ئىستىھازىنىڭ قېنى قىزىل بولىدۇ.
قويۇق-سۇيۇقلۇقى: ھەيزنىڭ قېنى قويۇق، يىرىك بولىدۇ، ئىستىھازىنىڭ قېنى سۇيۇق بولىدۇ.
پۇرىقى: ھەيزنىڭ قېنىنىڭ پۇرىقى سىېسىق بولىدۇ، ئىستىھازىنىڭ قېنىنىڭ پۇرىقى سىېسىق ئەمەس، چۈنكى ئۇ تومۇردىن كەلگەن ئادەتتىكى قاندۇر.
قاتتىق-يۇمشاقلىقى: ھەيزنىڭ قېنى ئاشكارا بولغاندا قېتىۋالمايدۇ، ئىستىھازىنىڭ قېنى بولسا تومۇردىن كەلگەن قان بولغانلىقى ئۈچۈن قېتىۋالىدۇ.
ھەيز نامازدىن چەكلەيدۇ، ئىستىھازە نامازدىن چەكلىمەيدۇ. پەقەت ئوبدان ساقلىنىش، گەرچە قان نامازنى ئوقۇغۇچە ۋە ناماز ئاخىرلاشقاندىن كىيىن داۋاملاشسىمۇ ھەر ناماز ئۈچۈن ئايرىم تاھارەت ئېلىش كېرەك بولىدۇ، ناماز ئوقۇۋاتقاندا قان كېلىپ قالسىمۇ بۇنىڭ زىيىنى يوق، ئەسلى قائىدىدە قان ھەيزنىڭ قېنى بولسا، ئەمما بۇ قان بىر ئاينىڭ ھەممىسىدە كەلسە شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ قارىشىدا ئىستىھازە بولىدۇ، باشقا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى بولغان ئون بەش كۈندىن ئېشىپ كەتسە، ئىستىھازە بولىدۇ.
ئۈچىنچى: ئايالنىڭ ھەيزدىن پاك بولغانلىقى تۆەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرى بىلەن بىلىنىدۇ:
بىرىنچى: ئاق سۇيۇقلۇقنىڭ كېلىشى؛ بۇ ئايالنىڭ پاك بولغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان بالىياتقۇدىن چىقىدىغان ئاق سۇيۇقلۇقتىن ئىبارەت.
ئىككىنچى: تولۇق قۇرۇشتىن بىلىنىدۇ، ئايالدىن ئاق سۇيۇقلۇق كەلمىسە، قان چىقىدىغان ئورۇنغا ئاق پاختىنى كىرگۈزىدۇ، پاختا پاكىز ھالەتتە چىقسا بۇ ئۇ ئايالنىڭ پاك بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇيدۇ.
ئەگەر كىرگۈزگەن پاختا پاكىزە ھالەتتە چىقماي، قىزغۇچ ياكى ساغۇچ ياكى بېغىررەڭ ھالەتتە چىقسا ئۇ ۋاقىتتا پاك بولمىغان بولىدۇ، ناماز ئوقۇش توغرا بولمايدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلللەمنىڭ دەۋرىدە ئاياللار خۇشبۇي نەرسە سالىدىغان قاچىلىرىغا سارغۇچ پاختىلارنى سېلىپ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا ئەۋەتەتتى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا:  ئاق سۇيۇقلۇقنى كۆرمىگۈچە ئالدىرىماڭلار، دەيتتى. [بۇخارى رىۋايىتى. ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى ھەيزنىڭ بابىدا: «ھەيزنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى» دېگەن بابقا ئالاقىدار قىلىپ كەلتۈرگەن. ئىمام مالىك مۇئەتتادا 130-نۇمۇردا كەلتۈرگەن].
ئاياللاردىن پاكلىق ۋاقىتلىرىدا سارغۇچ ياكى دۇغ بىر نەرسىلەر كەلسە، ھېچ نەرسە بولمايدۇ، نامازنى تەرك ئەتمەيدۇ، يۇيۇنۇش كېرەك بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر يۇيۇنۇشنى ۋاجىپ قىلمايدۇ ۋە يۇيۇنۇش كېرەك بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس.
ئۇممۇ ئەتىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: بىز پاكىز بولغاندىن كېيىن كەلگەن سارغۇچ ياكى دۇغ نەرسىلەرنى ئېتىبارغا ئالمايتتۇق (پەقەت تاھارەت ئېلىنىدۇ). [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 307-نومۇرلۇق ھەدىس، بۇخارى رىۋايەت قىلغان 320-نومۇرلۇق ھەدىستە «پاكىزە بولغاندىن كېيىن» دېگەن سۆز زىكىر قىلىنمىغان].
ئەمما سارغۇچ ۋە دۇغ نەرسىلەر ھەيزگە ئەگىشىپ كەلسە ئۇ ھەيز ھېسابلىنىدۇ.
تۆتىنچى: ئايال كىشى ئۆزىنىڭ پاك بولغانلىقىنى تەكىتلىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قان كەلگەن بولسا، ئاينىڭ كۆپ قىسمىدا كەلمىگەن بولسىلا ئۇ ھەيز بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟