ئامانەت قويۇلغان نەرسە ئوغرىلانسا، بۇنى كىم تۆلەيدۇ؟

سوئال: بىراۋغا ئامانەت قويۇلغان پۇل ئامانەتنىڭ ئىگىسىگە تاپشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ئوغرىلانسا ياكى ساقلانغىلى بولمايدىغان باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى يوقاپ كەتسە، ئامانەت قويۇلغۇچى شۇ زىياننى تۆلەپ بېرىشى كېرەكمۇ؟

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال - جاۋابلىرى تورى»دىكى 22830 - نومۇرلۇق پەتىۋا. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر
بىر ئادەمگە مال – مۈلۈك ئامانەت قويۇلسا، ئۇ چوقۇم ئامانەتنى قوغدىشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن (تەرجىمە مەنىسى): {شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر} [سۈرە نىسا 58 – ئايەت].
ئامانەتكە ياخشى قاراش ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامانەت قويۇلغۇچى (ئۆزى ئالغان) ئامانەتنى مۇۋاپىق جايغا قويۇشى كېرەك.
ئەگەر ئۇ ئامانەتنى مۇۋاپىق جايغا قويۇپ ياخشى ساقلىغان بولسا، بۇ ئەھۋالدا (ئامانەتكە بىرەر زەخمە يەتسە ياكى ئوغرىلانسا) ئۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋابكارلىق كەلمەيدۇ.
ئەمما، ئەگەر ئامانەت قويۇلغۇچى ئامانەتنى بىخەتەر جايغا قويۇشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئۇنى (يۈتۈپ كېتىش، ئوغرىلىنىش خەۋپى بار) خەۋپلىك يەرلەرگە قويۇپ قويسا؛ ياكى ئۇ ئامانەتنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلغان، ئۇنى ئىشلەتكەن بولسا، بۇ خىل ئەھۋالدا ئامانەتكە بىرەر زەخمە يەتسە ياكى ئوغرىلانسا، ئۇ بۇ ئىشقا ئىگە بولىدۇ.

بۇ خۇسۇستىكى ئۆلچەم ئامانەت قويۇلغۇچىنىڭ ئامانەتكە ياخشى قارىغان – قارىمىغانلىقىدۇر، ئەگەر ئۇنىڭدىن بۇ جەھەتتە بىرەر سەۋەنلىك ئۆتمىگەن بولسا، ئامانەت يۈتۈپ كەتسە، ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەم تۆلىمەيدۇ.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟