قۇرئاننى يادلاپ قويساقلا بولامدۇ؟
سوئال: ئەگەر ئاللاھ تەئالا بىر
بەندىنى ئۆزىنىڭ كىتابى (قۇرئان)نى يادلاشقا نېسىپ قىلغان بولسا، شۇ بەندىنىڭ
ئەھۋالى (تەقۋادارلىقى ۋەھاكازالار) قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا
ياخشىلىق ئىرادە قىلغانلىقى ھېسابلىنامدۇ؟
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا
تور بېتى ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 232337 – نومۇرلۇق سوئال. «ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
ئەگەر ئاللاھ تەئالا بىر بەندىگە
قۇرئاننى يادلاشنى نېسىپ قىلغان بولسا، شۇنداقلا ئۇ بەندە شۇ ئارقىلىق ھەرقانداق
دۇنياۋى مەنپەئەتنى كۆزلىمەي، پەقەت ئاللاھ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ئويلىغان بولسا، بۇ
ئاللاھنىڭ شۇ كىشىگە ياخشىلىق ئىرادە قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە
ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر» دېگەن [سەھىھۇل بۇخارى 5027 – ھەدىس].
ئىمام مۇسلىم (804) ئەبۇئۇمامە
باھلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ
سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «قۇرئان ئوقۇڭلار، چۈنكى ئۇ قىيامەت كۈنى ئۆز
ھەمراھىغا (ئۆزىنى ئوقۇغۇچىغا) شاپائەت قىلىدۇ» دېگەن.
لېكىن، قۇرئاننى يادلىغۇچى
قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىگە قارشى يول تۇتسا، قۇرئاننىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانمىسا،
قۇرئاننىڭ ئۆزىنىڭ پايدىسىغا ئەمەس، زىيىنىغا ھۆججەت بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر
ئەيلىشى كېرەك.
ئىمام مۇسلىم (223) ئەبۇمالىك
ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم: «قۇرئان يا سېنىڭ پايداڭغا، يا زىيىنىڭغا ھۆججەتتۇر» دېگەن.
شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ
ھەقتە شۇنداق دەيدۇ:
ئەگەر سەن قۇرئان ئارقىلىق ئاللاھقا
يېقىنلاشساڭ، قۇرئاندىكى ۋەقە - قىسسەلەرگە ئىمان ئېيتساڭ، قۇرئاندىكى بۇيرۇقلارغا
بويسۇنۇپ، قۇرئاندا چەكلەنگەن نەرسىلەردىن ئۇزاق تۇرساڭ، بۇ شەرەپلىك قۇرئاننى
ھۆرمەتلىسەڭ، قۇرئان سېنىڭ پايداڭغا ھۆججەت بولىدۇ.
ئەگەر بۇنىڭ ئەكسىچە، قۇرئاننى
ھۆرمەتلىمىسەڭ، قۇرئاندىكى كۆرسەتمىلەرگە بىپەرۋا مۇئامىلە قىلساڭ، قۇرئان بويىچە
ئىش كۆرمىسەڭ، قۇرئاندا بۇيرۇلغاننى قىلمىساڭ، بۇ ئەھۋالدا، قۇرئان قىيامەت كۈنى
سېنىڭ زىيىنىڭغا ھۆججەت بولىدۇ [«ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 30 – بەت].
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.