قاپىقى تارتىش يامانلىقنىڭ بېشارىتىمۇ؟
سوئال:
بىر ھەپتىنىڭ ياقى مېنىڭ ئوڭ قاپىقىم تارتىۋاتىدۇ، بەزىلەرنىڭ دېيىشىچە بۇ يامانلىقنىڭ
بېشارىتىمىش، بۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرگەن بولسىلا.
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال ـ جاۋابلىرى» تورىدىكى 46985 – نومۇرلۇق سوئال.
جاۋاب:
بارچە ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر،
سىز
تىلغا ئالغان قاپاق تارتىش بىلەن يامانلىقنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. دەل شۇنىڭ
ئەكسىچە، بۇ (يەنى قاپاق تارتىشنى ياخشىلىق ياكى يامانلىق بېشارىتى دەۋېلىش)
مۇسۇلمانلار ھەزەر قىلىشقا تېگىشلىك خۇراپىي جاھىلىيەت قىلىقلىرىدىندۇر. شۇنىسى
سابىتكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ يامان بېشارەتكە ئالاقىدار
خۇراپاتلاردىن ئاگاھلاندۇرغان ھەم بۇنىڭ تەۋھىدكە زىت بولغان كىچىك شېرىكتىن
ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. چۈنكى، (بۇ ۋە باشقا) خۇراپاتلار شەيتاننىڭ ئىنسان كۆڭلىگە
قورقۇنچ ۋە ۋەسۋەسە سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ۋاستىسىدۇر. بىز بۇ يەردە دەۋاتقان
خۇراپات بىراۋنىڭ كۆرگەن، ئاڭلىغان ياكى بىلگەن نەرسىسىنى يامانلىقنىڭ بېشارىتى
دەپ قارىشىدۇر.
پەيغەمبەر ﷺ نىڭ خۇراپاتلاردىن چەكلىگەنلىكى ھەققىدە خېلى كۆپ ھەدىس بار، ئۇلاردىن بەزىلىرى
تۆۋەندىكىلەر:
ئەبۇھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ
ئىزنىسىز كېسەل يۇقمايدۇ، قۇشلاردىن شۇم پال ئېلىش يوق» [سەھىھۇل بۇخارى 5757 –
ھەدىس، سەھىھۇل مۇسلىم 102 – ھەدىس].
ئەنەس
ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ
ئىزنىسىز كېسەل يۇقمايدۇ، قۇشلاردىن شۇم پال ئېلىش يوق. لېكىن، مەن ياخشى
بېشارەتنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن. «ياخشى بېشارەت دېگەن نېمە؟» دەپ سورالغاندا،
رەسۇلۇللاھ: «ياخشى سۆز» دەپ جاۋاب بەرگەن[سەھىھۇل بۇخارى 5756 – ھەدىس، سەھىھۇل
مۇسلىم 2220 – ھەدىس].
يۇقىرىقى
ھەدىسلەر (قاپاق تارتىشتىن يامان بېشارەت ئېلىشقا ئوخشاش) خۇراپاتلارنىڭ ھاراملىقىنى
ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى بۇ خىل خۇراپاتلاردا قەلب ئاللاھتىن غەيرىي
نەرسىلەرگە باغلىنىپ قالىدۇ. خۇراپاتلارنىڭ ھاراملىقى يەنە شۇنىڭ ئۈچۈنكى، كىم مەلۇم
بىر نەرسىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز پايدا ياكى زىيان يەتكۈزەلەيدۇ دەپ ئىشەنسە، ئۇ شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ، شۇنداقلا شەيتان شۇ يول ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ
سېلىپ، ئۇنى روھىي، جىسمانىي ئازابلارغا دۇچار قىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئاللاھ تەئالا
خۇراپىيلىقنى ھارام قىلىپ بېكىتكەن ۋە بۇنداق نەرسىلەرنىڭ ياخشىلىقمۇ، يامانلىقمۇ
كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرگەن.
يۇقىرىقىلارنى
چۈشەنگىنىڭىزدىن كېيىن، كاللىڭىزغا يەنە (قاپىقىم تارتىۋاتىدۇ، بۇ يامانلىقنىڭ بېشارىتىمىدۇ؟
دېگەندەك) ئاشۇنداق خىياللار كېلىپ قالسا، ئاللاھتىن قورقۇپ، ئاللاھقا
تەۋەككۈل قىلىشىڭىز، ئۇنىڭدىن ياردەم تىلىشىڭىز ۋە ئاشۇ خىل يامان خىياللارغا
قەتئىي پەرۋا قىلماسلىقىڭىز كېرەك.
مۇئمىن چۈشكۈن، خۇراپىي
بولماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە، ئۇ دائىم ئۈمىدۋار بولۇپ، رەببىگە قارىتا ياخشى
گۇماندا بولۇشى؛ بىر ئىشنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغاندا، ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن
قەتئىينەزەر، ئۇ ھەقتە ئەڭ ياخشى ھالەتنى ئۈمىد قىلىشى كېرەك. يەنى، مۇئمىن
ھەرقانداق ئەھۋالدا رەببىدىن ياخشىلىق ئۈمىد قىلىشى كېرەك. خۇددى رەسۇلۇللاھ ﷺ تۆۋەندىكى ھەدىستە دېگەندەك، ھەقىقىي مۇئمىن ئەنە شۇنداق بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ شۇنداق
دەيدۇ: «مۇئمىننىڭ ئىشلىرى ئاجايىب! ئۇنىڭ ھەممىلا ئىشى ياخشىدۇر،
لېكىن مۇئمىندىن باشقىلار ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر ئۇنىڭغا خۇشاللىق يەتسە شۈكۈر
قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا قاتتىقچىلىق يەتسە سەبىر قىلىدۇ،
بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر» [سەھىھۇل مۇسلىم 2999 - ھەدىس، ئۇيغۇرچە «ياخشىلار
باغچىسى» 27 – ھەدىس].
شۇنىڭ ئۈچۈن،
مۇئمىن ھەرۋاقىت ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، شەيتاننىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك غەم – قايغۇ پاتقىقىغا
پېتىپ قالماي، قانائەت ۋە خاتىرجەملىك بىلەن ياشايدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بىزنى ۋە
سىزنى پۈتۈن يامان نەرسىلەردىن قوغدىشىنى تىلەيمىز.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى
بىلگۈچىدۇر.
بۇ ھەقتە تېخىمۇ
كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، «شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن (رەھىمەھۇللاھ) پەتىۋالىرى»نىڭ
2 – جىلىد 210 – بېتىگە قاراڭ.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.