تاھارەت ئالغاندا، قۇلاققا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن قولغا يېڭىدىن سۇ ئېلىش كېرەكمۇ؟
ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى،
ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «فەتەۋا ئەركانۇل
ئىسلام» دېگەن كىتابىدىكى 137 - نومۇرلۇق سوئال.
جاۋاب: قۇلاققا مەسىھ
قىلىش ئۈچۈن قولغا يېڭىدىن سۇ ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. كۈچلۈك قاراشقا كۆرە، بۇنداق
قىلىش مۇستەھەبمۇ ئەمەس. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلى تەسۋىرلەنگەن ھەدىسلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا رەسۇلۇللاھنىڭ قۇلىقىغا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن قولىغا يېڭىدىن
سۇ ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. شۇڭا، باشقا مەسىھ قىلغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغان
ھۆللۈكتە قۇلاققا مەسىھ قىلىش ياخشىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.