ئىبادەت قىلىۋاتقان باشقا كىشىلەرگە دەخلى يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدە ئۈنلۈك قۇرئان ئوقۇشنىڭ ياكى پاراڭلىشىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى،
ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «فەتەۋا ئەركانۇل
ئىسلام» دېگەن كىتابىدىكى 227 – سوئال.
جاۋاب: بىراۋنىڭ مەسجىدتە
ناماز ئوقۇۋاتقان، دىنىي ئىلىم ئۆگىنىۋاتقان ياكى قۇرئان ئوقۇۋاتقان باشقا
كىشىلەرگە دەخلى يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدە ئۈنلۈك قۇرئان ئوقۇشى ھارام. چۈنكى، بۇنداق
قىلغۇچى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چەكلىگەن بىر ئىشنى قىلغان
بولىدۇ.
بۇ ھەقتە ئىمام مالىك
ئۆزىنىڭ «ئەلمۇۋەتتا» دېگەن ھەدىسلەر توپلىمىدا فەرۋە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىشىلەر ناماز
ئوقۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى. شۇ چاغدا ئۇلار ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ قىرائەت
قىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
«ألا إن كلكم مناج ربه،
فلا يؤذين بعضكم بعضا ، ولا يرفع بعضكم على بعض في القراءة» «دەرۋەقە، ناماز ئوقۇغۇچى نامىزىدا ئاللاھ قا
نىدا قىلىۋاتقان بولىدۇ، شۇڭا بەزىلىرىڭلار بەزىلىرىڭلارغا ئەرزىيەت يەتكۈزمىسۇن.
بەزىلىرىڭلار قۇرئاننى بەزىلىرىڭلاردىن ئۈنلۈك ئوقۇمىسۇن» دېدى.
بۇ
ھەقتە ئىمام ئەبۇداۋۇدمۇ ئۆزىنىڭ ھەدىس توپلىمىدا ئەبۇسەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن يۇقىرىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەدىس رىۋايەت قىلغان [ئەبۇداۋۇد «ناماز
كىتابى» ــ «تەھەججۇد نامىزىدا ئاۋازنى يۇقىرى كۆتۈرۈش» بابى (1332)].
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ يېنىدا «قۇرئان كەرىم»نى ئۈنلۈك ئوقۇشنىڭ ھۆكمى بۇ بولسا، باشقا قۇرۇق پاراڭلار بىلەن ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ دىققىتىنى چاچقانلارغا نېمە دېگۈلۈك؟؟؟ ئاللاھ تەئالا ھەممىمىزنى ئىسلاھ قىلغاي!
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.