ناماز ئوقۇۋېتىپ بۇرنى قاناپ كەتكەن كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟

216– سوئال: بىر ئادەم ناماز ئوقۇۋېتىپ بۇرنى قاناپ كەتسە قانداق قىلىشى كېرەك؟ بۇرۇندىن چىققان قان تېمىپ كەتسە، ئۇنىڭ كىيىمى نىجىس ھېسابلىنامدۇ؟

ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «فەتەۋا ئەركانۇل ئىسلام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

جاۋاب: بۇرۇندىن قان چىقسا ـــــ مەيلى ئاز – كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ـــــ تاھارەت بۇزۇلمايدۇ. شۇنىڭدەك، بەدەندىكى ئىككى ئەۋرەتتىن باشقا ھەرقانداق يەردىن چىققان قۇسۇق ياكى يىرىڭ دېگەندەك نەرسىلەر تاھارەتنى بۇزمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىل ئەھۋالدا تاھارەت بۇزىلىدىغانلىقى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ ﷺ تىن دەلىل كەلمىگەن.
بۇ ھەقتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ شۇكى، بىراۋ سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە تاھارەت ئالسا، شەرئىي دەلىلدە كۆرسىتىلگەن تاھارەت بۇزىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەي تۇرۇپ، تاھارىتى سۇنۇپ كەتمەيدۇ.
بەدەننىڭ ئىككى ئەۋرەتتىن باشقا يەرلىرىدىن چىققان نەرسىلەرنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرىدىغانلىقىغا دەلىل يوق. شۇ ۋەجىدىن، بۇرۇندىن چىققان قان ياكى قۇسۇق، ئاز ياكى كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تاھارەتنى بۇزمايدۇ.
لېكىن، بۇرنىڭىزدىن چىققان قان سىزنى بىئارام قىلىپ، نامىزىڭىزنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇغىلى قويمىسا، سىز (قاننى توختىتىپ پاكىزلىنىش ئۈچۈن) نامىزىڭىزنى بۇزسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر سىز بۇرنىڭىزدىن چىققان قاننىڭ مەسجىدنى بۇلغىۋېتىشىدىن قورقسىڭىز، دەرھال مەسجىدتىن ئايرىلىشىڭىز كېرەك.

بۇرنىڭىزدىن چىقىپ كىيىمىڭىزگە تېمىپ كەتكەن قانغا كەلسەك، بۇ سەۋەبلىك كىيىمىڭىز نىجىس بولۇپ كەتمەيدۇ.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟