خۇپتەن نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرىپ، تېخىچە شام نامىزى ئوقۇمىغىنىمنى ئېسىمگە ئالسام قانداق قىلىمەن؟
208– سوئال: بىر ئادەم خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن مەسجىدكە كىرىپ،
شام نامىزىنى تېخى ئوقۇمىغىنىنى ئېسىگە ئالسا، قانداق قىلىشى كېرەك؟
ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى،
ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «فەتەۋا ئەركانۇل
ئىسلام» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.
جاۋاب: ئەگەر سىز مەسجىدكە
كىرگەندە، خۇپتەن نامىزى باشلىنىپ بولغان بولسا، شۇنداقلا سىز شۇ چاغدا (ئۇنتۇپ
قالغانلىق سەۋەبلىك) شام نامىزىنى ئوقۇمىغىنىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئالسىڭىز، شام نامىزىنى
ئوقۇشقا نىيەت قىلىپ (خۇپتەن ئوقۇۋاتقان) جامائەتنىڭ نامىزىغا قاتنىشىشىڭىز كېرەك.
ئىمام 4 – رەكەتكە تۇرغاندا، سىز قوپماي جايىڭىزدا ئولتۇرۇپ، ئىمامنىڭ تۆتىنچى
رەكەتنى تۈگىتىشىنى ساقلايسىز، ئاندىن ئىمام سالام بەرگەندە سالام بېرىپ نامازدىن
چىقىسىز. ياكى سىز ئۈچىنچى رەكەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىڭىزغا سالام
بېرىپ نامازنى تۈگىتىپ، (4 – رەكئەتنى ئوقۇۋاتقان) ئىمامغا قايتىدىن ئىقتىدا قىلىپ
خۇپتەن نامىزىڭىزنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
ئالىملار ئارىسىدىكى
توغرا قاراشقا ئاساسەن، نامازدا ئىمام بىلەن ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نىيىتى
پەرقلىق بولسا بولۇۋېرىدۇ (يەنى نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ پەرز
ناماز ئوقۇشقا، خۇپتەن نامىزى ئوقۇۋاتقان ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ شام نامىزى ئوقۇشقا
بولىدۇ ۋەھاكازا، ت).
يۇقىرىدىكى ئەھۋالدا،
سىز شام نامىزىنى ئۆز ئالدىڭىزغا ئايرىم ئوقۇپ، ئاندىن ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ جامائەت
بىلەن بىللە خۇپتەن نامىزى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.