قۇرئان ئوقۇشنىڭ ساۋابىنى ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىغا ئاتاشقا بولامدۇ؟
ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى،
ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھتىن «قۇرئان ئوقۇشنىڭ ۋە سەدىقىنىڭ ساۋابىنى
ۋاپات بولغان ياكى ھايات ئانىسىغا ئاتاش»نىڭ ھۆكمى توغرىلىق سورالغاندا، شەيخ
شۇنداق جاۋاب بەرگەن:
«قۇرئان ئوقۇشنىڭ
ساۋابىنى ئاتاش مەسىلىسىدە، ئالىملار بۇ ھەقتە ئىختىلاپلاشقان. تېخىمۇ توغرا قاراشقا
كۆرە، قۇرئان ئوقۇشنىڭ ساۋابى ئۆلۈككە يەتمەيدۇ، چۈنكى،
بۇ ھەقتە دەلىل يوق. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
بۇ ئىشنى ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن قىزلىرى ياكى ساھابىلىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي) ئۈچۈن
قىلىپ باقمىغان ياكى مۇشۇنداق قىلىشنى تەستىقلىمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇئمىنلەر
مەيلى ۋاپات بولغان ياكى ھايات كىشىلەر ئۈچۈن بولسۇن، ساۋابىنى شۇلارغا ئاتاپ
قۇرئان ئوقۇش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش دېگەندەك ئىشلارنى قىلماسلىقى
كېرەك، چۈنكى بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا دەلىل يوق. ئىبادەتتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ
شۇكى، بىز ئاللاھ ياكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم
بېكىتمىگەن ھەرقانداق ئىشنى ئىبادەت دەپ قىلمايمىز.
«شەيخ بىن بازنىڭ
پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى» 4 – توم 348 – بەت.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.