ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ئالامىتى قايسىلار؟

ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.
  
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال ـ جاۋابلىرى» تورىدىكى 34829 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى

ئاللاھنىڭ بەندىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى، ئاللاھنىڭ بەندىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا  ۋە دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشقا مۇيەسسەر  قىلغانلىقىدىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپىتىنى بېرىدۇ» [سۈرە مۇھەممەد 17-ئايەت]. يەنە بىر ئايەتتە (تەرجىمە مەنىسى): «بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر» [سۈرە ئەنكەبۇت 69-ئايەت].

ئەمما بەندىنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلماسلىقى ۋە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يانماسلىقى -ئاللاھ ساقلىسۇن- ئىنسان ئۈچۈن بىر خارلىق بولۇپ، ئاللاھ تەئالانىڭ ئۇ ئىنساندىن رازى ئەمەسلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

ئاللاھنىڭ بەندىسىدىن رازى بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىن يەنە بىرى: ئاللاھنىڭ بەندىنى ھىدايەت قىلىشى ۋە قەلبىنى ساغلام ئىمان ۋە ھەق يولغا يېتەكلىشدۇر. زاۋاللىققا يۈزلىنىشنىڭ ئالامەتلىرى بولسا ھەق يولدىن يىراقلىشىش، قەلب سىقىلىش ۋە راھەتسىزلىك ھېس قىلىش، ھاياتتىن زېرىكىشكە ئوخشاش ئالامەتلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ (تەرجىمە مەنىسى): «ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ» [سۈرە ئەنئام 125-ئايەت].

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ... دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «قەلبىنى تەۋھىدكە ۋە ئىمانغا ئىچىۋېتىدۇ دەيدۇ» [تەپسىر ئىبنى كەسىر 2-توم 175-بەت].

مۇسۇلماننىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ياخشى كۆرۈلۈشكە مۇيەسسەر قىلىنىشىمۇ ئاللاھنىڭ ئۇ بەندىدىن رازى بولغانلىقى ۋە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

 ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاللاھ بىرەر بەندىنى ياخشى كۆرسە جىبرىئىلنى چاقىرىپ، <ئاللاھ پالانىنى ياخشى كۆردى، سەنمۇ ياخشى كۆرگىن> دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن جىبرىئىل ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. جىبرىئىل ئاسمان ئەھلىنى چاقىرىدۇ ۋە <ئاللاھ پالانى بەندىسىنى ياخشى كۆردى، سىلەرمۇ ياخشى كۆرۈڭلار> دەيدۇ. ئاسمان ئەھلى ئۇنى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن بۇ ياخشى كۆرۈلۈش زېمىنغا چۈشىدۇ». بۇ ھەدىس بۇخارىدا 3209-، مۇسلىمدا 2637-نومۇرلۇق ھەدىسلەردە رىۋايەت قىلىنغان.


ئىمام نەۋەۋى رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ھەدىس شەرىفتىكى  <كېيىن بۇ ياخشى كۆرۈلۈش زېمىنغا چۈشۈرۈلىدۇ> دېگەن جۈملىنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاللاھ ياخشى كۆرگەن ئۇ ئىنساننى ياخشى كۆرۈش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ. ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇ بەندە ئۇچۇن زېمىنگە سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت چۈشۈرۈلىدۇ» (يەنى قەلب رازى بولغان ھالدا ئۇ ئىنساننى ياخشى كۆرۈشكە مايىل بولىدۇ) 

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟