«تەقۋالىق بۇ يەردە» دېگەن ھەدىسنى قانداق چۈشىنىمىز؟
سەھىھۇل مۇسلىمدىكى
(4650 - نومۇرلۇق) ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ ﷺ كۆكرىكىگە
ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «تەقۋالىق بۇ يەردە» (يەنى يۈرەكتە) دېگەن.
ئەمما، بەزىلەر بۇ ھەدىسنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ.
بۇنىڭ مىساللىرى شۇكى، بەزى كىشىلەرنى مەلۇم
خاتالىقلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرساڭ، مەسىلەن «ساقالنى كامىل قوي، چۈنكى ساقالنى
(تۇتامدىن تۆۋەن) كېسىش ھارام» دېسەڭ، ئۇ قوپۇپ «تەقۋالىق بۇ يەردە» دېگىنىچە
كۆكرىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. يەنە (رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ «كىيىمنىڭ ئوشۇقتىن
تۆۋەندىكىسى دوزاختا» دېگەن ھەدىسىگە كۆرە، ئىشتان ۋە باشقا) كىيىملىرىنى
ئوشۇقىدىن ئۇزۇن كىيىۋالغان كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىپ، بۇنداق قىلماسلىقىنى
ئېيتساڭ، ئۇمۇ «تەقۋالىق بۇ يەردە» دېگىنىچە كۆكرىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بۇنداقلارغا «قېنى ئۇ سەن دەۋاتقان تەقۋالىق؟ ئەگەر قەلبىڭدە تەقۋالىق بولغان بولسا، بۇ تەقۋالىق ئىش – ھەرىكىتىڭدىمۇ كۆرۈلگەن، سەن سۆز ۋە ئەمەللىرىڭدە ئاللاھقا قارشى چىقىشتىن ساقلانغان بولاتتىڭ» دېيىش كېرەك.
چۈنكى، يۈرەكتە تەقۋالىق بولسا، بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ تۈزىلىدۇ. بۇ ھەقتە، پەيغەمبەر ﷺ: «أَلا وَإِنَّ فِي الْجَسَدِ مُضْغَةً إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الْجَسَدُ كُلُّهُ, وَإِذَا فَسَدَتْ فَسَدَ الْجَسَدُ كُلُّهُ, أَلا وَهِيَ الْقَلْبُ) «بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتۇر» دېگەن. [سەھىھۇل بۇخارى (52)، سەھىھۇل مۇسلىم (1599)]
دېمەك، قەلبىڭ ساغلام (تەقۋا) بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ تۈزىلىدۇ (ساقالدىن كىيىمگىچە ھەممە نەرسەڭ، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولىدۇ. تاشقى قىياپىتىڭ سۈننەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە تۈزەلمىگەن بولسا، قەلبىڭدىكى تەقۋالىقتىمۇ مەسىلە بار دېگەنلىكتۇر).
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.