ئۆلۈپ كەتكەن دادام ئۈچۈن قانداق ياخشىلىقلارنى قىلالايمەن؟
سوئال: مەن ۋاپات بولۇپ كەتكەن دادام توغرىسىدا بەك بىئارام بولىمەن، دادام ئىككى يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان، دادامدا ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلماسلىق ئەھۋاللىرى بولغان، مەسىلەن:
1. پەرز نامازلارنى مۇنتىزىم ئادا قىلمايتتى، بەزى ۋاقىتتا تولۇق ئادا قىلسا، بەزى ۋاقىتتا نامازنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلماستىن بەلكى ھورۇنلۇق قىلىپ تولۇق ئادا قىلمايتتى.
2. سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى سەۋەپ قىلىپ رامىزان روزىسىنىمۇ تولۇق تۇتمايتتى، يۈرەك كېسىلى دورىسى ئىستېمال قىلاتتى ياكى مەن ئاجىز روزا تۇتالمايمەن دەپ تۇتمايتتى، لېكىن تاماكا چېكەتتى، مەن دادامنىڭ تاماكىنى تاشلاشتىن ئاجىز كەلگەنلىكى سەۋەبىدىن روزىنىمۇ تولۇق تۇتمىدى دەپ قارايمەن.
3. بىز ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى بىر كىچىك تاللا بازىرى ئاچاتتۇق، مېنىڭ بىلىشىمچە دادام دۇكاندىكى ماللارنىڭ زاكىتىنى ئايرىمايتتى، كېيىن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز قىيىنلىشىپ، تىجارەتتە پايدا ئالالماي ئۇ تاللا بازىرى قىلغان دۇكاننى سېتىۋەتكەن ئىدۇق.
4. بەزى ۋاقىتتا دادام ھەج قىلغۇدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولاتتى لېكىن ئۇ ھەج قىلمىدى، ئۇ دائىم: ھەجگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن لېكىن قادىر بولالمايمەن دەيتتى، ئۇ ئىككى كۆزى ئاغرىغانلىق سەۋەبىدىن كۆپ جاپا تارتاتتى، دوختۇر ئۇنى قىستاڭچىلىق، قۇياش نۇرى ۋە ئېغىر چارچاشتىن ساقلىنىشقا تەۋسىيە قىلغان ئىدى، لېكىن دادام ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بەزى كىشىلەر يېقىنلىرىمىز بولمىسىمۇ ياردەم قىلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل ھەج قىلدۇرۇپ قويدى، مەن دادامنى بەك ياخشى كۆرىمەن، شۇنىڭدەك دادامنى تونۇيدىغان كىشىلەرنىمۇ ياخشى كۆرىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن دادامغا ياخشىلىق قىلىش مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن دادامنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭغا قەبرە ئازابى ۋە قىيامەتنىڭ ئازابى يېتىپ قېلىشتىن بەك ئەنسىرەيمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت
پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال ـ جاۋابلىرى» تورىدىكى 104606 – نومۇرلۇق سوئال. مەزكۇر پەتىۋا شۇ توربەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى
جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار
ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە
تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت - سالاملىرى بولسۇن.
دادىڭىز ۋاپات بولۇپ
كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەنپەئەت بېرىدىغان ياخشىلىق قىلماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى
ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ:
1. ئۇنىڭ ئۈچۈن چىن قەلبىڭىزدىن دۇئا قىلىڭ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا
مۇنداق دەيدۇ: رَبِّ اجْعَلْنِي مُقِيمَ الصَّلَاةِ وَمِنْ ذُرِّيَّتِي
رَبَّنَا وَتَقَبَّلْ دُعَاءِ . رَبَّنَا اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ
وَلِلْمُؤْمِنِينَ يَوْمَ يَقُومُ الْحِسَابُ تەرجىمىسى:
پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە بىر قىسىم ئەۋلادىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچى قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز!
دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن، پەرۋەردىگارىمىز! ھېساب ئالىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە)
ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا ۋە مۆمىنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن. [سۈرە ئىبراھىم 40-41-ئايەت].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق
دېگەن: ئىنسان ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك ئىشتىن باشقا بارلىق ئەمەللىرى ئۈزۈلىدۇ.
(ئۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىش) مەنپەئەتى داۋاملىشىپ تۇرىدىغان سەدىقە (سەدىقە جارىيە)، باشقىلارغا
پايدىسى تېگىدىغان ئىلىم ۋە ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ پەرزەنت.
[مۇسلىم رىۋايىتى1631-ھەدىس].
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بىر كىشىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدۇ، ئۇ كىشى: قانداق بولۇپ
مېنىڭ دەرىجەم يۇقىرى بولدى؟دەپ سورايدۇ، ئاللاھ تائالا: سېنىڭ بالاڭنىڭ ساڭا قىلغان
دۇئاسى سەۋەبىدىن دەيدۇ [تەبرانى "دۇئا" ناملىق ئەسەرنىڭ 375-بەتتە كەلتۈرگەن.
ھەيسەمى "مەجمۇ زەۋائىد" 10-توم 234-بەتتە بەززارغا نىسبەت بەرگەن. بەيھەقى
"سۈنەنۇن كۇبرا"7-توم 78-بەتتە كەلتۈرگەن].
ئىمام زەھەبى
"ئەلمۇھەززەب" 5-توم 2650-بەتتە: بۇ ئەسەرنىڭ ئىسنادى كۈچلۈك دەيدۇ، ھەيسەمى:
بۇ ھەدىسنىڭ راۋىلىرىنىڭ ھەممىسى سەھى راۋىلار بولسىمۇ ئەمما ئۇلاردىن ئاسىم ئىبنى
بەھدەلە رىۋايەت قىلغان ھەدىس ھەسەن بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە
قىلىش.
3. ھەج-ئۆمرە قىلىپ ئۇنىڭ ساۋابنى ئاتاش، بۇنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئىلگىرى
12652- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلىنغان.
4. قەرزى بولسا قەرزىنى ئادا قىلىش، خۇددى
جابىر رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دادىسى
ئابدۇللاھ ئىبنى ھەرامنىڭ قەرزىنى ئادا قىلغان ئوخشاش. بۇ ۋەقەلىكنى ئىمام بۇخارى
2781-ھەدىستە رىۋايەت قىلغان.
ئەمما چالا قويغان
رامىزان روزىسى ۋە تولۇق ئادا قىلمىغان زاكات قاتارلىق ئەمەللەرنى پەرزەنت تولۇقلاپ
قويالمايدۇ، مۇسۇلمان كىشى قەستەن بۇ ئىككى پەرز ئەمەلگە سەل قاراپ، تولۇق ئادا قىلمايدىكەن،
ئۇنىڭ جاۋابكارلىقى شۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ، بۇ ئەمەل-ئىبادەتنى بىر كىشى ئۈچۈن
يەنە بىر كىشى ئادا قىلىپ قويالمايدۇ. نامازمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، بىر كىشىنىڭ يەنە
بىر كىشى ئۈچۈن ناماز ئوقۇپ قويۇشى توغرا بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا بىزگە
شۇلارنى بىلدۈرگەن: مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىگە ئاساسەن جازا-مۇكاپاتلىنىدۇ،
ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسا مۇكاپىتى ياخشى بولىدۇ، ئەگەر يامان ئەمەللەرنى قىلغان
بولسا، بۇنىڭ جازاسىمۇ يامان بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ . وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ
ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ تەرجىمىسى: كىمكى زەررىچىلىك
ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن،
ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ [سۈرە سۈرىسى 7-8-ئايەت].
ئەگەر ئاللاھ تائالا
ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىدىن ئۆتىۋەتسە بۇ ياخشىدۇر.
لېكىن زاكات قەرزگە
ئوخشايدۇ، ئۇ زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغانلارنىڭ ھەققىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز دادىڭىزنىڭ
ھايات ۋاقتىدا ئادا قىلمىغان زاكاتنىڭ مىقدارىنى چىقارسىڭىز، بۇنى دادىڭىزنىڭ ئاخىرەتتىكى
ھېساب ئېلىنىش ئىشلىرىنىڭ يەڭگىل بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ دەپ قارايمىز.
ئاللاھ تائالادىن
سىزنىڭ دادىڭىزنى ياخشى كۆرگەنلىك، ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغانلىق ۋە ياخشىلىق قىلىشقا
ھېرىسمەن بولغانلىقىڭىز سەۋەبىدىن سىزگە ياخشى مۇكاپات بېرىپ دادىڭىزنىڭ خاتالىقىنى
ئەپۇ قىلىۋېتىشىنى سورايمىز.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن
ياخشى بىلگۈچىدۇر.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.