رەسۇلۇللاھ ﷺ نى ھەبىبۇللاھ (ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرگىنى، سۆيۈملۈك بەندىسى) دەپ سۈپەتلەشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «فەتەۋا ئەركانۇل ئىسلام» دېگەن كىتابىدىكى 45 - سوئال.

جاۋاب: رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرگەن بەندىسى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. چۈنكى، ئۇ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلگەنىدى. ئەمما، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم، تىلغا ئېلىنىشقا تېگىشلىك سۈپىتى خەلىيلۇللاھ (ئاللاھنىڭ دوستى)تۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەقتە: «فَإِنَّ اللَّهَ تَعَالَى قَدِ اتَّخَذَنِي خَلِيلاً كَمَا اتَّخَذَ إِبْرَاهِيمَ خَلِيلاً» «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىبراھىمنى دوست تۇتقاندەك، مېنىمۇ دوست تۇتتى» دېگەن [سەھىھۇل مۇسلىم 532 - ھەدىس].
شۇ ۋەجىدىن، كىمكى رەسۇلۇللاھ ﷺ نى ئاللاھنىڭ ھەبىبى (ھەبىبۇللاھ) دەپ سۈپەتلەش بىلەن چەكلەنسە، ئۇنىڭ ئورنىنى چۈشۈرۈۋەتكەن بولىدۇ. پۈتۈن مۇئمىنلەر ئاللاھنىڭ ھەبىبى (ياخشى كۆرگىنى)دۇر، ئەمما رەسۇلۇللاھ بۇ جەھەتتە مۇئمىنلەردىن ئۈستۈن سۈپەتكە، يەنى خەلىيلۇللاھ (ئاللاھنىڭ دوستى)لىق سۈپىتىگە ئىگىدۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز رەسۇلۇللاھ ﷺ نى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە خەلىيلى دەپ سۈپەتلەيمىز. بۇنداق دېيىش ئۇنى ئاللاھنىڭ ھەبىبى دەپ سۈپەتلىگەندەك ياخشىراقتۇر.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟