ساقال قويۇش چەكلىنىدىغان زېمىندا تۇرۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ساقالنى قىرىشقا، چۈشۈرۈشكە ۋە باشقا گۇناھلارغا مەجبۇرلايدىغان دۆلەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئەگەر ئۇ ئائىلىسى ۋە مال – مۈلكىنى تەرك ئېتىپ (دىنىنى ئەركىن ياشىيالايدىغان) باشقا زېمىنغا كەتسە، بۇ ئىشى ھىجرەت ھېسابلىنامدۇ؟

ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 10338 – نومۇرلۇق پەتىۋا،
مەنبە: ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ «پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 8 – توم 278 – بەت.

جاۋاب: ھەمدۇ سانا ئاللاھقا خاستۇر.
مۇسۇلمان كىشىنىڭ ناماز ئوقۇغىلى قويمايدىغان، ساقال قويغىلى قويمايدىغان، كىشىلەرنى ھارام ئىشلارغا چاقىرىدىغان دۆلەتتە تۇرماسلىقى، شۇ دۆلەتتىن دىنىنى ياشىيالايدىغان باشقا زېمىنغا ھىجرەت قىلىشى ۋاجىب. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار بار دۆلەت ناچار دۆلەتتۇر.
ھەتتا بۇنداق قىلىشى ئاتا – ئانىسىغا ئىتائەتسىزلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ شۇ يەردىن باشقا يەرگە ھىجرەت قىلىشى ۋاجىب بولىدۇ. (يەنى ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇۋېرىسەن دەپ بېسىم قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي شۇ يەردىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشى كېرەك بولىدۇ). چۈنكى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ھەرقانداق ئىشنىڭ (ئاتا – ئانىغا ئىتائەت قىلىشنىڭمۇ) ئالدىدا تۇرىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئىتائەت پەقەت ياخشىلىقتا بولىدۇ» دېگەن؛ ۋە «خالىققا (ئاللاھقا) ئاسىي بولۇش بەدىلىگە مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش يوق» دېگەن [يۇقىرىقى ئىككىلا ھەدىس سەھىھ بولۇپ، سەھىھۇل جامىدا توپلانغان].

ئەگەر بىر مۇسۇلمان دىنىنى ئاشكارا تۇتۇپ ياشىيالمىسا ياكى گۇناھ قىلىشقا مەجبۇرلانسا، ئۇنىڭ شۇ زېمىندىن ھىجرەت قىلىپ چىقىپ كېتىشى ۋاجىب بولىدۇ.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلىرى

كىنو كۆرۈش نېمىشقا ھارام؟

ھەركۈنى ئەتىگەن ــ ئاخشامدا تەكرار ئوقۇيدىغان ئۈچ مۇھىم زىكىر

ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇشقا بولمايدۇ

رەسۇلۇللاھ ﷺ ناخشا - مۇزىكا توغرىسىدا نېمە دېگەن؟