ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى
سوئال: {ئاللاھنىڭ
بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھتىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ} [سۈرە فاتىر 28 - ئايەت]
دېگەن ئايەتنى تەپسىر قىلىپ بەرگەن بولسىلا!
ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى،
ئەللامە شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 5 – جىلىد 48 - بەت
جاۋاب: بۇ ئايەتى كەرىم
شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تەئالا ھەققىدە، ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە، ئاللاھنىڭ
مۇبارەك كىتابى (قۇرئان كەرىم) ھەققىدە ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتى ھەققىدە يېتەرلىك ئىلىمگە
ئىگە كىشىلەر (ھەقىقىي ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى) ئاللاھتىن مۇكەممەل رەۋىشتە قورقىدۇ. يەنى،
بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى «ئاللاھتىن ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە قورقىدىغانلار رەببى ئاللاھ
تائالانى ئۇنىڭ گۈزەل، مۇكەممەل ئىسىم – سۈپەتلىرى ئارقىلىق تونۇغان؛ ئاللاھ
تائالانىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ نەقەدەر بۈيۈكلىكىنى بىلگەن؛ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە
رىئايە قىلغان؛ ئاخىرەتتە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلغانلارغا تەييارلانغان كاتتا
نېمەتلەرگە ۋە ئاللاھقا ئاسىي بولغانلارغا تەييارلانغان (دەھشەتلىك) ئازابقا ئىمان
كەلتۈرگەن كىشىلەردۇر» دېگەنلىك بولىدۇ.
ئاللاھ ھەققىدە چوڭقۇر
ئىلىمگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھتىن ھەممىدىن بەك قورققۇچىلار ۋە
ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ئۇلۇغلىغۇچىلاردۇر.
ئۇلارنىڭ (ئاللاھتىن ھەقىقىي
قورققۇچىلارنىڭ) باشلامچىلىرى پەيغەمبەرلەر ۋە ئاللاھ تائالا ھەققىدە، ئىسلام دىنى
ھەققىدە يېتەرلىك ئىلىمگە ئىگە بولغان، پەيغەمبەرلەرگە (ھەقىقىي) ۋارىسلىق قىلغۇچى
ئالىملاردۇر. لېكىن، بۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇش دەرىجىسى (دىنىي ئىلمى ۋە ئاللاھنى
تونۇش دەرىجىسىدىكى پەرقلەرگە كۆرە) پەرقلىق بولىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ ئايەت
«ئالىملاردىن باشقا ھېچكىم ئاللاھتىن قورقمايدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. پۈتۈن
ئەر - ئايال مۇسۇلمان ــ مۇئمىنلەر ئاللاھتىن قورقىدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن
قورقۇش دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس، پەرقلىق بولىدۇ.
خۇلاسە، مۇئمىنلەرنىڭ ئاللاھ
تەئالا ۋە ئىسلام دىنى ھەققىدىكى ئىلمى چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئاللاھقا بولغان قورقۇشى
شۇنچە كۈچىيىدۇ؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ (ئاللاھ تائالا ھەققىدىكى) ئىلمى يېتەرسىز بولسا، ئاللاھنىڭ
ھەقلىرىگە رىئايە قىلىشى ۋە ئاللاھتىن قورقۇشىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا يېتەرسىز
بولىدۇ.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
