سورۇن - سۆھبەت ئەخلاقى ھەققىدە
يەزىد ئىبنى ئەبى ھەبىب رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن: «ئالىم ۋە فەقىھ كىشى ئۇچرايدىغان فىتنىلەردىن بىرى ـــ ئۇنىڭ يېنىدا
سۆزىنى تىڭشاشقا بولىدىغان بىرى بار تۇرۇقلۇق، تىڭشاشتىن بەكرەك سۆزلەشنى ياخشى
كۆرۈشىدۇر. ئەگەر ئۇ (سۆزلەشنىڭ ئورنىغا) يېنىدىكى ئالىمنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالسا،
گۇناھتىن سالامەت قالىدۇ ۋە ئىلمى زىيادىلىشىدۇ. (بۇ ئەھۋالدا، يەنى ئۆزىدىن
ئالىمراق بىرى بار يەردە) قۇلاق سالغۇچى سۆزلىگۈچى بىلەن ياخشىلىقتا شېرىكتۇر. ئەمما،
ئاللاھ ساقلىغاندىن باشقا ئەھۋالدا، (ئادەم كۆپ سۆزلىسە) ياساپ سۆزلەش، سۆزنى بىھۇدە
ئۇزارتىش ئىللەتلىرى كۆرۈلىدۇ. يەنە بەزىلەر شان – شۆھرەت ساھىبى ئىنسانلارنى ئۆز
سۆھبىتىگە تېخىمۇ لايىق دەپ ئويلاپ، مىسكىنلەرنى تۆۋەن كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ
مەجلىسلىرىدە ئۇلارغا ئورۇن بەرمەيدۇ. يەنە بەزىلەر ئىلمىنى يوشۇرۇپ، ئىلىمنى
يەتكۈزۈشنى ئۆزىدىكى ئىلىمنى يۈتۈرۈۋەتكەنلىك دەپ قارىۋالىدۇ. ئۇلار ئىلىمنىڭ
پەقەت ئۆزىدىلا بولۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزىدىكى ئىلىم سەۋەبلىك ئۆزىنى
پادىشاھلاردەك چوڭ تۇتۇپ، بىرەر مەسىلە ھەققىدە ئۆزىگە قارشى چىقىلسا ياكى
باشقىلار ئۆزىنىڭ بىرەر ھەققىنى ئادا قىلمىسا غەزەپلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزىنى
پەتىۋا بېرىش ماقامىغا قويۇۋالىدۇ ۋە بىلمەيدىغان بىرەر مەسىلە ھەققىدە
سورالغاندا، «بىلمەيمەن» دېيىشتىن نومۇس قىلىدۇ. ئەنە شۇ رەۋىشتە، ئۇ ئاللاھنىڭ
دەرگاھىدا (بىلمەي تۇرۇقلۇق پەتىۋا بەرگەن) شۇ مەسىلە ھەققىدە جاۋابكار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ
بەزىلىرى ئاڭلىغانلىكى نەرسىسىنى سۆزلەپ يۈرىدۇ، ئۇلار بۇ جەھەتتە شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۆز گېپىنى قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن يەھۇدىي – ناسارالارنىڭ (ئاساسسىز،
توقۇلما، ئەپقاچتى) سۆزلىرىنى نەقىل قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.
مەنبە: ئىمام ئابدۇللاھ
ئىبنى مۇبارەكنىڭ «كىتابۇز زۇھىد» 48 – نومۇر.
ئىلىم ئەھلى، ئالىملارنىڭ سورۇن - مەجلىسلەردە يۇقىرىقىدەك ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك بولغانىكەن، زۆرۈر دىنىي ئىلىملەرنى لايىقىدا ئىگىلىمىگەن كىشىلەر سورۇنلاردا دىنىي مەسىلە ھەققىدە گەپ قىلغاندا تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشى، ئۆزىدىن ئىلىملىك كىشىلەرنىڭ ئىلمىدىن مەنپەئەتلىنىشكە كۈچىشى، «مەنمۇ گەپ قىلاتتىم، قىلالايتتىم» تىپىدا ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك. دىنىي ئىلىم سورۇنلاردا سۆزلىۋېلىشقا ئەمەس، ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا ئىشلىتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ بىراۋنى دىندا بىر نەرسە بىلىدىكەن دەپ قېلىشىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق پايدىسى يوق.
ئاللاھ تەئالا ھەممىمىزنى مەنمەنچىلىكتىن، رىيادىن ساقلىسۇن! بىزلەرگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.