ھەيىزدار ئايالنىڭ دۇئا قىلىشىنىڭ ھۆكمى
ئىسلام سوئال –
جاۋابلىرى تورىدىكى 5048- نومۇرلۇق سوئال
سوئال: ئادەت
كۆرۈپ قالغان ئاياللار ئادەت جەريانىدا دۇئا قىلسا بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە يول
كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا
خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغا، ئۇنىڭ ئائىلە
تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئىسلام پەتىۋالىرى 1-توم
239-بەتتە مۇنداق سوئال بايان قىلىنغان: ئادەت كۆرۈپ قالغان ئاياللار ئەرافات
كۈنىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بولغان بەزى دۇئالارنى ئوقۇسا بولامدۇ؟
بۇنىڭ جاۋابى: ھەيزدار
ۋە نىفاسدار ئاياللار ئەرافات كۈنى دۇئا كىتابلىرىدىن دۇئالارنى ئوقۇسا بولىدۇ،
قۇرئان ئايەتلىرىدىن بولغان دۇئا بولسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى توغرا قاراشتا ھەيزدار-نىفاسدار
ئاياللار قۇرئان ئوقۇسا بولمايدۇ دەپ ئوچۇق دەلىل بايان قىلىنمىغان، پەقەت
جۇنۇپنىڭ قۇرئان ئوقۇسا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق دەلىل بايان قىلىنغان. بۇ
ھەقتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس بايان قىلىنغان، ئەمما ھەيزدار-نىفاسدارلار
توغرىسىدا ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان: «ھەيزدار-نىفاسدار
ئاياللار قۇرئان كەرىمدىن بىر نەرسە ئوقۇمىسۇن» دېگەن ھەدىس زەئىپ، چۈنكى بۇ ھەدىس
ئىسمائىل ئىبنى ئەيياشنىڭ ھىجازلىقلاردىن قىلغان رىۋايىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ھىجازلىقلاردىن
قىلغان رىۋاىيتى زەئىپتۇر، لېكىن ھەيىزدار-نىفاسدارلار قۇرئاننى تۇتماستىن يادقا
ئوقۇسا بولىدۇ، ئەمما جۇنۇپ ئادەمنىڭ يۇيۇنمىغۇچە يادقىمۇ ياكى قۇرئانغا قاراپ
بولسىمۇ ئايەتلەرنى ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرق،
جۇنۇپنىڭ ھەرقاچان يۇيۇنۇشقا ئىمكانىيىتى بار، قاچان يۇيۇنۇشنى ئىرادە قىلسا شۇ
ۋاقىتتا يۇيىنالايدۇ، سۇ ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىسا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇپ،
قۇرئان تىلاۋەت قىلىدۇ، ئەمما ھەيزدار-نىفاسدار ئاياللارنىڭ ئىشى ئۆز ئىلكىدە
ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ھەيز-نىفاس كۈنلەرچە داۋام قىلىدۇ،
شۇڭا بۇ ئىككەيلەنگە ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن ئىبارەت
بولغان پەزىلەتنى يوقۇتۇپ قويماسلىق ئۈچۈن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ
كىتابىدىكى شەرئى ئىلىملەرنى ئۆگىنىش دۇرۇس قىلىندى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەت-ھەدىسلەر
ئارىلاشقان دۇئا كىتابلىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ. بۇ، ئۆلىمالارنىڭ مۇشۇ مەسىلە ھەققىدىكى
توغرا پەتىۋاسىدۇر". [شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ].
يەنە مۇنداق سوئال
كەلگەن: مەن ئادەت كۆرۈپ قالغان ياكى تاھارەت بولمىغان ۋاقىتلاردا تەپسىر
كىتابلىرىدىن بەزى سۈرىلەرنى ئوقۇيمەن، بۇنداق قىلسام گۇناھ بولامدۇ؟
بۇنىڭ جاۋابى:
ئۆلىمالارنىڭ توغرا قارىشىدا، ھەيزدار-نىفاسدار ئاياللار تەپسىر كىتابلىرىنى
ئوقۇسا ياكى قۇرئان كەرىمنى تۇتماستىن ئوقۇسا گۇناھ بولمايدۇ، ئەمما جۇنۇپ كىشىنىڭ
يۇيۇنمىغۇچە قۇرئان ئوقۇشى مۇتلەق توغرا بولمايدۇ، تەپسىر ۋە ھەدىس كىتابلىرىنى
ئوقۇسىمۇ ئارىسىدىكى ئايەتلەرنى ئوقۇشى توغرا بولمايدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنى قۇرئان ئوقۇشتىن جۇنۇپلۇقتىن
باشقا نەرسە چەكلەپ قويمايتتى، ئىمام ئەھمەد توغرا ئىسناد بىلەن رىۋايەت
قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئەمما
جۇنۇپ قۇرئاندىن بىر ئايەت ئوقۇسىمۇ بولمايدۇ». [شەيخ ئىبنى باز، "ئىسلام
پەتىۋالىرى"1-توم 239-بەت].
ئاللاھ
تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
تەرجىمە
قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز