ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈستىدىكى ھەققى ۋە پەرزەنتنىڭ ئانا ئۈستىدىكى ھەققى
ئىسلام
سوئال – جاۋابلىرى تورىدىكى 5053 -نومۇرلۇق سوئال
سوئال: مېنىڭ ئاتا-ئانام توغرىسىدا بەزى سوئاللىرىم بار.
1. ئانامنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىكى
ھەققى نېمە؟
2. مېنىڭ ئانامنىڭ ئۈستىدىكى
ھەققىم نېمە؟.
3. ئانامنىڭ مېنى چەكلەش ھوقۇقى
بولمىغان، مېنىڭ مۇستەقىل قىلىشىم دۇرۇس بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟
4. بىرەر ئىشتا دادىنىڭ ئاخىرقى
قارارنى بېرىش ۋاقتى قاچان بولىدۇ؟
مەن ئانامنى بەك ياخشى كۆرىمەن، ئۇ
مېنى بەك ھىمايە قىلغانلىقتىن بەزى ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنى باغلاغلىقتەك ھېس قىلىمەن،
مەن ئانامنىڭ مېنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن،
مەن ھاياتتا بەزى ئەركىنلىكىم بولۇشىنى خالايمەن، بۇنى ئانامغا قانداق
بىلدۈرىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا
خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە
تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئانىنىڭ پەرزەنتى ئۈستىدىكى ھەققى:
ئانىنىڭ پەرزەنتى ئۈستىدە ئىنتايىن كۆپ
ھەق-ھوقۇقلىرى بار، بۇنى ساناپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن بەزى مۇھىملىرى
تۆۋەندىكىچە:
(1) ئانىنى ياخشى كۆرۈش ۋە چىن دىلىدىن
ھۆرمەتلەش كېرەك، چۈنكى ئانا ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا
لايىقتۇر. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى پەيغەمبەرسەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئىنسانلار ئارىسىدا
مېنىڭ ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىشىمغا كىم بەك ھەقلىق؟ دەپ سورىغان ئىدى، پەيغەمبەرسەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاناڭ» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېۋىدى، يەنە «ئاناڭ» دېدى.
ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېۋىدى، يەنە «ئاناڭ» دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ دېۋىدى، «داداڭ» دېدى.
[بۇخارى رىۋايىتى 5626- ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2548 -ھەدىس].
ئانىڭىز سىز ئۈچۈن قورسىقىنى تۆشەك قىلدى،
كۆكسىنى تۇلۇم قىلدى، ئۇنى ياخشى كۆرۈش لازىمدۇر، توغرا ئاڭ ۋە ساغلام ئەقىل شۇنى
تەقەززا قىلىدۇ. بەلكى ئەۋلادلارنىڭ ئانىلىرىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئانىلارنىڭ
ئەۋلادلىرىنى ياخشى كۆرۈشى ئاللاھ بارلىق جانلىقلارنىڭ تەبىئىتىدە ياراتقان سۆيگۈ
بولۇپ، ئادەم ئەۋلادلىرى بۇنىڭغا بەك لايىق، مۇسۇلمانلار ھەممىدىن ئەڭ ھەقلىقتۇر.
(2) ئانىسىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۈندىلىك
تۇرمۇشتىكى ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بولسا پەرزەنتلەرنىڭ زىممىسىدىكى قەرزدۇر. چۈنكى
ئانىسى ئۇنىڭغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كۆڭۈل بۆلدى، كېچىلىرىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى
ۋە ئەزىيەتلىرىگە سەبىر قىلدى. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَوَصَّيْنَا
الْإِنسَانَ بِوَالِدَيْهِ إِحْسَانًا ۖ حَمَلَتْهُ أُمُّهُ كُرْهًا وَوَضَعَتْهُ كُرْهًا﴾ تەرجىمىسى: «بىز ئىنساننى ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق
قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئىنساننى ئانىسى مۇشەققەت بىلەن قورساق كۆتۈرۈپ، مۇشەققەت بىلەن
تۇغدى.» [سۈرە ئەھقاف 15-ئايەت].
ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئاللاھ يولىدا
(كۇفۇر دىيارلىرىغا قىلىنىدىغان) جىھاد قىلىشنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى
ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ جىھادقا چىقىش توغرىسىدا رۇخسەت سورىغان ئىدى،
پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىدىن: ئاتا-ئاناڭ ھاياتمۇ؟ دەپ
سورىدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇلارنىڭ
خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلغىن» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 2842-ھەدىس.
مۇسلىم رىۋايىتى 2549-ھەدىس].
(3) ئانىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك ۋە
ئۇنىڭغا ياقتۇرمايدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئاڭلاتماسلىق كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ
تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَلَا تَقُل
لَّهُمَا أُفٍّ﴾ تەرجىمىسى: «ئۇلارغا،
ئوھوي! دېمىگىن (يەنى مالاللىقنى بىلدۈرىدىغان شۇنچىلىك سۆزنىمۇ قىلمىغىن).» [سۈرە
ئىسرا 23-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].
ئاللاھ تائالا ئاتا-ئانىغا "ئوھۇي"
دېگەن سۆزنى قىلىشنىمۇ چەكلىگەن تۇرسا، ئاتا-ئانىسىنى ئۇرغان ۋە دەشنەم
قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟!.
(4) ئانىسى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ئۇنىڭغا
خىراجەت قىلىپ بېرىدىغان يولدىشى بولمىسا ياكى يولدىشى بولسىمۇ كەمبەغەل بولسا،
ئۇنىڭغا خىراجەت قېلىپ بېرىش زۆرۈر بولىدۇ، سالىھ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئانىسىغا
خىراجەت قىلىش ۋە كۈندىلىك ھاجىتىدىن چىقىش، پەرزەنتلىرىگە خىراجەت قىلىش ۋە يېمەك
بېرىشتىن ياخشىدۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ كىشى سەپەردە
كېتىۋاتقاندا يامغۇردا قېلىپ، تاغدىكى بىر ئۆڭكۈرگە كىردى، ئۆڭكۈرنىڭ ئۈستىدىن بىر
قورام تاش دومىلاپ چۈشۈپ ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالدى، ئۇلار ئۆز-ئارا: بىز
ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى ئەمەللىرىمىزنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھقا دۇئا قىلايلى دېدى.
ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھ! مېنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانام بارئىدى،
مەن قوي باققىلى چېقىپ قايتىپ كەلگەندە سۈتنى سېغىپ ئېلىپ كېلىپ ئالدى بىلەن
ئاتا-ئانامنى غىزالاندۇرۇپ ئاندىن ئائىلەمدىكى كىچىكلەر، ئايالىم ۋە باشقىلارنى
غىزالاندۇراتتىم، بىر كۈنى يايلاقتىن كەچرەك قايتتىم، سۈتنى ئېلىپ كەلسەم
ئاتا-ئانام ئۇخلاپ قاپتۇ، ئۇلارنى ئويغىتىشنى ياقتۇرمىدىم، بالىلىرىم پۇتۇمغا
ئېسىلىپ ئاچلىقتىن چۇرقىرىشىپ كەتتى، مەن سۈتنى تۇتۇپ تۇرىۋەردىم، ئۇلار
ئۇخلاۋەردى، ھەتتا تاڭ يورىدى، ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ بۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭنى
تىلەپ قىلغانلىقىمنى بىلسەڭ (يەنى مەن مۇشۇ ئىشنى سېنىڭ رازىلىقىڭنى تىلەپ قىلغان
بولسام)، بىزگە بۇ يەردىن بىر يوچۇق ئېچىپ بەرسەڭ ئۇنىڭدىن ئاسماننى كۆرسەك، دېدى.
ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كىچىككىنە يوچۇق ئېچىپ بەردى» [بۇخارى رىۋايىتى 2102-ھەدىس.
مۇسلىم رىۋايىتى 2743-ھەدىس].
ئانىسى ياخشىلىققا بۇيرىسا سۆزىنى ئاڭلاش ۋە
ئىتائەت قىلىش كېرەك، ئەمما شېرىككە ئوخشاش يامانلىققا بۇيرىسا ئاللاھقا ئاسىي
بولۇپ مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق
دەيدۇ: ﴿وَإِن جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ
لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر
ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا،
ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا
زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)» [سۈرە لوقمان 15-ئايەت].
(5) ئەمما ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ
ئۆتەشكە تېگىشلىك بولغان قەرزلىرى بولسا (بەندىنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ) ئادا قىلىش، يەنى
ئۇلار ئۈچۈن ھەج-ئۆمرە قىلىش قاتارلىق ئەمەللەرنى قىلىش ئاتا-ئانىغا قىلغان
ئېھساندۇر.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋيەت
قىلىنىدۇكى، جۇھەينە قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئايال پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئانام ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ ھەج قىلالماي ئۆلۈپ
كەتتى، ئانام ئۈچۈن ھەج قىلسام بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئويلاپ باق، ئەگەر ئاناڭنىڭ قەرزى بولسا سەن ئادا قىلىسەنغۇ؟ ئاللاھنىڭ
ھەققىنى ئادا قىلغىن، ئاللاھ ۋاپا قىلىشقا بەك ھەقلىقتۇر» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 1754-ھەدىس].
(6) شۇنىڭدەك ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن
كېيىن ئانىسى تەرەپتىن يېقىن ئۇرۇغ - تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قېلىش، ئۇلارغا
ھۆرمەت - ئېھتىرام قىلىش، دوستلىرىنى يوقلاش قاتارلىق ئىشلار ئانىغا ۋاپاتىدىن كېيىن
ئېھسان قىلغانلىقتۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھ ئەنھۇمادىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ياخشىلىقنىڭ
ياخشىسى بىر كىشىنىڭ دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ دوستلىرىنى يوقلىشىدۇر»
[مۇسلىم رىۋايىتى 2552-ھەدىس].
ئىككىنچى: سىزنىڭ ئانىڭىزنىڭ ئۈستىدىكى
ھەققىڭىز:
(1) سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى
ئىدارە قىلىدۇ، ئېمىتىدۇ، تەربىيەلەيدۇ، بۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە بولغان،
ئىنسان يارىتىلغاندىن باشلاپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئىشتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا
مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَالْوَالِدَاتُ
يُرْضِعْنَ أَوْلَادَهُنَّ حَوْلَيْنِ كَامِلَيْنِ لِمَنْ أَرَادَ أَن يُتِمَّ
الرَّضَاعَةَ﴾ تەرجىمىسى: «ئانىلار (بالىلارنى
ئېمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم.»
[سۈرە بەقەرە 233-ئايەت].
(2) سىزنى ياخشى تەربىيىلىشى كېرەك، قىيامەت
كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئانىڭىز سىز توغرىلىق سوئال - سوراق قىلىنىدۇ، چۈنكى سىز
ئۇنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا، ئۇ سىزنى تەربىيىلىگۈچىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ
مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: سىلەر ھەممىڭلار پادىچى، ئىمام ئۆز
دائىرىسىدىكىلەردىن مەسئۇل بولىدۇ، ئەر ئۆز ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدىن سورىلىدۇ،
ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىگە ۋە بالىلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدىن سورىلىدۇ. خىزمەتچى
خوجايىننىڭ ماللىرىغا مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدىن سورىلىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ئەر كىشى دادىسىنىڭ
مېلىغا مەسئۇل بولىدۇ، شۇنىڭدىن سورىلىدۇ، ھەر بىرىڭلار مەسئۇلىيەت ئىگىسى، ئۆز
مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە سوئال قىلىنىسىلەر، دېدى.» [بۇخارى رىۋايىتى 853-ھەدىس.
مۇسلىم رىۋايىتى 1829-ھەدىس].
ئۈچىنچى:
دۇرۇس بولغان
ئىشلاردىن:
ئانىڭىز ئارىلاشماستىن
مۇستەقىل قىلىدىغان ئىشىلىرىڭىز: يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا قاتناش
ۋاستىلىرى قاتارلىق دۇرۇس بولغان ئىشلارنى ياخشى كۆرۈپ تاللىشىڭىزغا ئانىڭىزنىڭ ئارىلىشىۋېلىش
ھەققى بولمايدۇ.
ئەمما سىزنىڭ ئۆيگە قاچان كىرىش، قاچان چىقىش
ياكى بەزى دوستلىرىڭىز بىلەن كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈشىڭىز توغرىسىدىكى
ئىشلىرىڭىزغا ئارىلىشىۋېلىشىغا كەلسەك، پەرزەنتلەرنىڭ ناچار دوستلار بىلەن
ئارىلىشىپ ھالاك بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىڭىزنى كۆزىتىپ
تۈرۈشى زۆرۈردۇر، چۈنكى ناچار دوستلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىش ياشلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا
ئەڭ كۆپ سەۋەپ بولىدىغان ئامىللاردىندۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئىنسان ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ، سىلەرنىڭ
بىرىڭلار كىم بىلەن ئارىلاشقانلىقىغا قارىسۇن» [تىرمىزى رىۋايىتى 2387-ھەدىس. ئەبۇ
داۋۇد رىۋايىتى 4833-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ھەسەن دېگەن. نەۋەۋىي سەھىھ دەپ
"تۆھپەتۇل ئەھۋەزىي"نامىلىق ئەسەر 7-توم 42-بەتتە بايان قىلغان].
شۇنىڭدەك ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئادەتتە
نەگە بېرىپ، نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىغا كۆز – قۇلاق بولۇپ تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى
ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتنى ئۆز ھالىغا قويۇۋېتىشى توغرا بولمايدۇ.
سىز ئۇلارنىڭ مەرتىۋىسىگە كۆڭۈل بۆلۈڭ،
ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭ، ئاللاھ دۇرۇس قىلغان ئىشتا سىزنى بىرئاز سىقسىمۇ ئۇلارغا
چىرايلىقچە ھەمراھ بولۇڭ، ھەقىقەتەن بىز ئاتا-ئانا كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ، يەنى ئۇلار
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇلدۇق، ئۇنداق بولغان
ئىكەن سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئەلۋەتتە سىزگە ياخشىلىق تىلەيدۇ، بەزى دۇرۇس ئىشلاردا
سىزنى سىققاندەك قىلسىمۇ ياخشىسى ئۇلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ بۇيرۇغىنىنى
قىلىڭ. دۇرۇس بولىدىغان ئىشلاردا، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭۈل
خاھىشىڭىزنى ئۇلارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن پىدا قىلىڭ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىبادەت
قىلىشنى بۇيرۇغاندىن كېيىنلا ئاتا-ئانىغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرىدى. بۇنى ئاللاھ
تائالا قۇرئاندا زىكىر قىلىش ئارقىلىق ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشنىڭ مەرتىۋىسىنى
بايان قىلىپ بەردى.
تۆتىنچى: دادىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت
دائىرىسىدىكى ھەرقانداق ئىشتا قارار قىلىش ھەققى بولىدۇ. مەسىلەن: ئۆزى خىراجەت
قىلىپ بېرىدىغان بالىسىنى قايسى مەكتەپتە ئوقۇتۇش دېگەندەك ئۆزىگە ئالاقىدار
ئىشلاردا ئۆز ئالدىغا قارار قىلىش ھەققى بولىدۇ. ماشىنىسىنى ئىشلىتىش، پۇلىنى ئېلىش
دېگەندەك ئىشلاردا دادىڭىز قارار قىلىدۇ.
ئەمما مۇستەقىل ياشايدىغان چوڭ پەرزەنت
بولسا، ئاللاھ دۇرۇس قىلغان ۋە يولغا قويغان ئىشلاردا ئۆزى ئۈچۈن خالىغاننى قارار
قىلسا بولىدۇ، ئۇ ئىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا زىت كەلمىسە ئاتا-ئانىسىنى رازى
قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، پەرزەنت ھەرقانچە چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت
قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك، بۇمۇ ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش ۋە چىرايلىق
ياشاشتۇر. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان ئەسەردە: «ئاتام
ئولتۇرغان ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چىقمايتتىم» دېيىلگەن.
شۇنىڭدەك دادا بالىسىنى ياخشى ئىشقا بۇيرىسا
ياكى دۇرۇس ئىشنى تەرك قىلىشقا بۇيرىسا، بالىغا زىيان يەتمەيدىغان ئەھۋالدا
دادىسىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ.
بەشىنچى: ئانىڭىزغا
ئۆزىڭىزنىڭ بەكرەك ئەركىنلىك ئىستەيدىغانلىقىڭىزنى سۆزىڭىز ۋە ھەرىكىتىڭىز
ئارقىلىق بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ.
(1) ھەرىكەت ئارقىلىق بىلدۈرۈش: سىز ئانىڭىز
بۇيرىغان ئىشنى تولۇق ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ كىچىك بالا ئەمەس،
مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالايدىغان دەرىجىدە چوڭ بولغانلىقىڭىزنى ۋە ئىشلارنى نورمال ئەرلەردەك
بېجىرەلەيدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك، ئانىڭىز سىزدىن بۇ ئىشنى تەكرار
كۆرگەندىن كېيىن، سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى نورمال ئىدارە قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچ
قىلىدىغان بولىدۇ.
(2) سۆز بىلەن بىلدۈرۈش: روشەن دەلىل، تىنچ
مۇنازىرە، يۇمشاق سۆز، توغرا پوزىتسىيە ئارقىلىق مىساللارنى بايان قىلىش بىلەن
بولىدۇ، شۇنداق قىلغان ۋاقتىڭىزدا، ئاللاھ تەئالا چوقۇم ئانىڭىزنىڭ سىزگە پىشقان
ئەرلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشى ئۈچۈن دىلىنى ئېچىۋېتىدۇ.
ئاللاھ تائالادىن بىز ۋە سىزنى،
ئاتا-ئانىڭىزنى توغرا يولغا باشلىشىشىنى سورايمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسەللەمغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالاملىرى بولسۇن.
ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى