خېرىدار زاكالەت تاپشۇرغاندىن كېيىن سودىدىن يېنىۋالسا، سودىگەر زاكالەت پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمىسە بولامدۇ؟
سەئۇدىي پەتىۋا ئورگىنىغا سوئال:
زاكالەت - مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن سودىدا ئالدىن ئازراق پۇل بېرىپ، سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ كۆپىنچە كىشى سودىلاشقاندا ۋەدە قىلىنغان پۇل تولۇق بېرىلمىسە ئالغان زاكالەت پۇلنى تۇتۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟
پەتىۋا ئورگىنىنىڭ ١٩٦٣٧- نومۇرلۇق جاۋابى:
زاكالەت دېگەندە، مال ئىگىسى خېرىدار بىلەن سودىلىشىپ، پۈتۈشكەن پۇلنىڭ بىر قىسمىنى خېرىدار مال ئىگىسىگە تاپشۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خېرىدارنىڭ باشقا بىرى بىلەن سودا قىلىپ، پۈتۈشكەن سودىنى بۇزۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. (زاكالەت تاپشۇرغان) خېرىدار مالنى ئالسا تاپشۇرغان زاكالىتى بېرىشكە تېگىشلىك پۇلنىڭ بىرقىسمى ھېسابلىنىدۇ. مالنى ئالماي يېنىۋالسا، مال ئىگىسى ئۆزىگە بېرىلگەن زاكالەت پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەي تۇتۇپ قالىدۇ.
زاكالەت سودىسى قالغان پۇلنى تاپشۇرۇش ۋاقتىنى بېكىتسۇن ياكى بېكىتمىسۇن، توغرا بولىۋېرىدۇ.
مال ئىگىسىنىڭ سودىدا كېلىشىپ مالنى تاپشۇرغاندىن كېيىن قالدۇق پۇلنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقى بار.
زاكالەت سودىسىنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قىلغان.ئىمام ئەھمەدتىن بۇ توغرىلىق سورالغاندا: بولىۋېرىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن.ئىبنى ئۆمەر (رضي الله عنه) مۇ بولىدۇ، دېگەن. ئىبنى مۇسەييىەب ۋە ئىبنى سىرىن:
خېرىدار مالنى ياقتۇرماي پۇلنىڭ قالغىنىنى تاپشۇرغىلى ئۇنىماي ، قولىغان ئالغان مالنىمۇ قايتۇرۇپ بەرسە، تاپشۇرۇلغان زاكالەت پۇلنى تۇتۇپ قېلىش توغرا، دېگەن
ئەمما، رەسۇلۇللاھ ﷺ زاكالەت پۇلىنى ئېلىشتىن چەكلىدى(مالىك، ئەھمەدلەر توپلىغان، مىشكات 2864- نومۇرلۇق)، دېيىلگەن ھەدىس زەئىف بولۇپ، دەلىل قىلىشقا يارىمايدۇ.
تەۋپىق ئەللاھتىن. ئەللاھ رەسۇلۇللاھقا، ئائىلىسىگە، ساھابىلىرىگە رەھمەتلەرنى ياغدۇرغاي.
--- سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات، پەتىۋا ئورگىنى.
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
باش مۇپتى: بىن باز؛
مۇئاۋىن باش مۇپتى: ئابدۇلئەزىز ئالشەيخ؛
ئەزا مۇپتىلار:بەكرى ئەبۇزەيد، سالىھ فەۋزان.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.