ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلەمسىز؟
مەزكۇر يازما ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ھەققىدە بىر قانچە ئايەت - ھەدىس ۋە مۇشۇ ھەقتىكى بىر پارچە قىسقا فىلىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاخىرىغىچە كۆرۈپ چىققايسىز.
الله سبحانه وتعالى شۇنداق دەيدۇ:
1.«وَلْتَكُن مِّنكُمْ أُمَّةٌ يَدْعُونَ إِلَى الْخَيْرِ وَيَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ ۚ وَأُولَـٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ»
«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئى قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر» [سۈرە ئال ئىمران 104 - ئايەت]
2.«كُنتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ تَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَتَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنكَرِ وَتُؤْمِنُونَ بِاللَّه»
«(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ۋە ﷲ قا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر» [سۈرە ئال ئىمران 110 - ئايەت]
3.«كَانُوا لَا يَتَنَاهَوْنَ عَن مُّنكَرٍ فَعَلُوهُ ۚ لَبِئْسَ مَا كَانُوا يَفْعَلُونَ»
«ئۇلار ئۆزلىرى قىلغان يامان ئىشلاردىن بىر - بىرىنى توسمايتتى؛ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!» [سۈرە مائىدە 79 - ئايەت]
4.«فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ أَنجَيْنَا الَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ السُّوءِ وَأَخَذْنَا الَّذِينَ ظَلَمُوا بِعَذَابٍ بَئِيسٍ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ»
«ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ﷲ نىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق» [سۈرە ئەئراف 165 - ئايەت]
5.«فَلَوْلَا كَانَ مِنَ الْقُرُونِ مِن قَبْلِكُمْ أُولُو بَقِيَّةٍ يَنْهَوْنَ عَنِ الْفَسَادِ فِي الْأَرْضِ إِلَّا قَلِيلًا مِّمَّنْ أَنجَيْنَا مِنْهُمْ ۗ»
«سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئارىسىدا نېمىشقا يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشتىن توسىدىغان ئەقىل ئىلگىرى بولمىدى؟ ئۇلار ئارىسىدىن بۇزۇقچىلىقنى توسۇپ بىزنىڭ نىجاتلىقىمىزغا ئېرىشكەن ئازغىنا كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا» [سۈرە ھۇد 116 - ئايەت].
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا - ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە - پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.

